ئەردوغان: تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكەتلىرىمىز ھەم قانۇنىي ھەققىمىز ھەم ئىنسانىي بۇرچىمىزدۇر

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكەتلىرىنىڭ ھەم قانۇنىي ھەققى ھەم ئىنسانىي بۇرچى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1589873
ئەردوغان: تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكەتلىرىمىز ھەم قانۇنىي ھەققىمىز ھەم ئىنسانىي بۇرچىمىزدۇر

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس، قوشۇمچە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پارتىيەسىنىڭ تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى)دىكى گۇرۇپپا يىغىنىدا سۆز قىلدى.

ئەردوغان تۈركىيەنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىرادىسىنىڭ بەزى دۆلەتلەرنى بىئارام قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «يەنە بىر قېتىم تەكرارلايمەن، بۇ ھەرىكەتلەر بىزنىڭ ھەم قانۇنىي ھەققىمىز ھەم ئىنسانىي بۇرچىمىزدۇر. زۆرۈر تېپىلغاندا يىلتىزىغىچە چۆكۈپ تازىلاش بىزنىڭ مەجبۇرىيىتىمىز» دېدى.

ئەردوغان يەنە: «ئۇلار نېمە قىلسا قىلسۇن، خەلقىمىزنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى بۇزالمايدۇ، بىزنىڭ ئەركىنلىك ۋە كەلگۈسىگە بولغان مۇھەببىتىمىزنى ئۆچۈرەلمەيدۇ. بىز جېنىمىزدىنمۇ ئەزىز كۆرىدىغان ۋەتىنىمىزنى بۆلەلمەيدۇ. دۆلىتىمىزنى تىزلاندۇرالمايدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

دۇنيادىكى بارلىق تەڭپۇڭلۇقلارنى ئۆزگەرتىۋەتكەن كوۋىد – 19 يۇقۇمىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈرگەن ئەردوغان: دۆلىتىمىزدە ئۆزىنى كۆرسەتكەن يۇقۇم ئىككى مىليوندىن ئارتۇق پۇقرايىمىزنىڭ يۇقۇملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. يولغا قويغان تەدبىرلەر ئارقىلىق بۇنىڭدىن ئەڭ ئاز زىيان بىلەن قۇتۇلۇش يولىدا زور مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپ، 2020 – يىلىنى ئىقتىسادىي ئېشىش  بىلەن ئاخىرلاشتۇرغان بىر قانچە دۆلەتنىڭ بىرى بولدۇق» دېدى.

ئۇ يەنە: «نۆۋەتتە غەرب تۈركىيەنىڭ ساغلاملىق سىستېمىسىنى ئۈلگە قىلماقتا» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر