«ئەرەن – 11 سەھى ئورمانلىرى» ھەربىي ھەرىكەتلىرى باشلاندى

ئىچكى ئىشلار ئىشلار مىنىستىرلىقى بىتلىس ۋە سىئئىرتتا «ئەرەن – 11 سەھى ئورمانلىرى» ھەربىي ھەرىكەتلىرىنىڭ باشلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1589645
«ئەرەن – 11 سەھى ئورمانلىرى» ھەربىي ھەرىكەتلىرى باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىرلىق تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا بىلدۈرۈلۈشىچە، دۆلەت مىقياسىدا تېررورىزمنى ئۈزۈل - كېسىل يوقىتىش مەقسىتىدە، 2021 – يىلى، 11 – يانۋار كۈنى قوزغىتىلغان «ئەرەن – ھەربىي ھەرىكەتلىرى» مۇۋەپپەقىيەتلىك داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، بۇ دائىرىدە، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نى دۆلەتنىڭ كۈنتەرتىپىدىن تامامەن چىقىرىۋېتىش ۋە رايوندا يوشۇرۇنۇۋالغانلىقى مۆلچەرلىنىۋاتقان تېررورچىلارنى بىر تەرەپ قىلىىش مەقسىتىدە، 781 ئالاھىدە ھەربىي خادىمنىڭ  ئىشتىراك قىلىشىدا، تلىس ۋە سىئئىرتتا «ئەرەن – 11 سەھى ئورمانلىرى» ھەربىي ھەرىكەتلىرى باشلانغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر