تۈركىيە كونگودا يۈز بەرگەن ھۇجۇمنى ئەيىبلەپ، ئىتالىيەگە تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ شەرقىي قىسمىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) دۇنيا ئاشلىق پىلان مەھكىمىسى ئاپتوموبىل ئەترىتىگە قىلىنغان ھۇجۇمنى قاتتىق ئەيىبلەپ، ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈردى.

1588755
تۈركىيە كونگودا يۈز بەرگەن ھۇجۇمنى ئەيىبلەپ، ئىتالىيەگە تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ شەرقىدىكى گوما شەھىرىدە ب د ت ئاپتوموبىللىرىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچراپ، ئىتالىيەنىڭ كىنشاسادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى لۇكا ئاتتاناسىيو بىلەن ئۇنىڭ يېقىن قوغدىغۇچىسى ۋە بىر شوپۇرنىڭ قازا قىلغانلىقىدىن چوڭقۇر قايغۇرۇش ئىچىدە خەۋەر تېپىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا: «بىز بۇ قەبىھ ھۇجۇمنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز، دوستانە ئىتالىيە خەلقى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ ئازابىنى ئورتاقلىشىمىز، ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئائىلە - تاۋابىئاتلىرى ۋە تۇغقانلىرىدىن سەمىمىي ھال سورايمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ شەرقىدىكى گوما ۋە بۇكاۋۇ شەھەرلىرى ئوتتۇرىسىدىكى تاش يولدا تۈنۈگۈن شۇ يەر ۋاقتى 10:00 ئەتراپىدا، ب د ت دۇنيا ئاشلىق پىلان مەھكىمىسىنىڭ ئاپتوموبىللار ئەترىتى يېنىك قوراللار بىلەن قوراللانغان بىر توپ تېرورچىلارنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىغانىدى.

ۋەقەدە، 2017 - يىلدىن باشلاپ ئىتالىيەنىڭ كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان باش ئەلچىسى 43 ياشلىق لۇكا ئاتتاناسىيو، قوغدىغۇچىسى ۋىتتېرىيو ئىكوۋاككى ۋە دۇنيا ئاشلىق پىلان مەھكىمىسى شوپۇرى قازا قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر