23.02.2021

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلەر تۆۋەندىكىچە:

1588934
23.02.2021

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «خەبەر تۈرك گېزىتى»، تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئىزمىردە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق كونفېرانسىدا سۆز قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ: «ياۋروپا ئىتتىپاقى گىرېتسىيەگە 100 كۆچمەن ئۈچۈن 3 مىليارد ياۋرو ياردەم قىلدى، ئەمما تۈركىيەدىكى 4 مىليون كۆچمەن ئۈچۈن قولىنى يۈرىكىگە سېلىپ باقمىدى. ياۋروپادا پاناھلانغان ئونمىڭلارچە كىچىك بالىنىڭ كىملەر تەرىپىدىن ئېلىپ قېچىلغانلىقى بىلىنمەيدۇ» دېگەنلىكى قەيت قىلىندى.

«ھۆررىيەت گېزىتى»، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ يىغىنىدا، پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئىراقنىڭ گارا رايونىدا 13 بىگۇناھ كىشىنى شېھىت قىلغانلىقىغا، دۇنيانىڭ ئاۋاز چىقارمىغانلىقىنى كۈنتەرتىپكە قويغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ: «خەلقئارالىق ھەمكارلىق بولماستىن ۋە مەۋجۇت قوش ئۆلچەملەر بىلەن بۇ تەھدىتنى يوقىتالمايمىز» دېگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

«ۋەتەن گېزىتى»، سۈرىيەدە تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك|ي پ گ نى قوللاش بىلەن نارازىلىقلارغا سەۋەب بولۇۋاتقان ئامېرىكادىن ئېتىراپ كەلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، ئامېرىكا ياۋروپا قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ سابىق قوماندانى بېن خودگېس (Ben Hodges) نىڭ: «تۈركىيەگە بولغان ئىشەنچ قايتىدىن تۇرغۇزۇلۇشى لازىم. تۈركىيەگە ئوخشاش بىر ئىتتىپاقداش دۆلەت بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرگە ئېغىر زىيان سالغان پ ك ك|ي پ گ بىلەن ھەمكارلىشىشقا ئوخشاش، تاكتىكىلىق مەنپەئەتلەرگە ئەھمىيەت بېرىلگەن قارارلار قايتىدىن كۆزدىن كەچۈرۈلۈشى كېرەك» دېگەنلىكى قەيت قىلىندى.

«ستار گېزىتى»، پىروفېسسور دوكتور ھۈسەيىن ئىشىكسالنىڭ، گىرېتسىيەنىڭ تۈركىيەدىن يول قويۇشنى كۈتۈپ، ئېغىر خاتالىق ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، پىروفېسسور دوكتور ھۈسەيىن ئىشىكسالنىڭ، بىر كۈنى ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ شەرقىي ئاقدېڭىزدا ئەڭ مۇھىم ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئاكتىيور بولغان تۈركىيە بىلەن قارشىلاشمايدىغانلىقىنى چۈشىنىپ قالىدىغان جەنۇبىي قىبرىس رۇم ھاكىمىيىتى بىلەن گىرېتسىيەنى قىيىن كۈنلەرنىڭ   كۈتۈۋاتقانلىقىنى ئېيتقانلىقى بىلدۈرلدى.

«يېڭى شەپەق گېزىتى»، تۈركىيەدە ئالتۇن ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنىڭ ئېشىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، ئېنېرگيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى فاتىھ دۆنمەزنىڭ تۋىتتېردا، تۈركىيەنىڭ يېقىنقى بەش يىللىق ئالتۇن ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى جەدۋېلىنى ھەمبەھىرلىگەنلىكى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر