مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ سۇيىقەستكە ئۇچرىغان لىۋىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرىدىن ھال سورىدى
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ لىۋىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى فەتھى باشئاغا بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دىپلوماتىك مەنبەلەردىن ئىگىلەنگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، چاۋۇشئوغلۇ لىۋىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى فەتھى باشئاغانىڭ ئاپتوموبىل ئەترىتىگە قىلىنغان ھۇجۇم سەۋەبىدىن ھال سورىغان ۋە سالامەتلىك تىلەكلىرىنى بىلدۈرگەن.
لىۋىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى تۈنۈگۈن (2021-يىلى 21-فېۋرال) مىنىستىر فەتھى باشئاغانىڭ تىرىپولىنىڭ غەربىگە جايلاشقان كانزۇر رايونىدىكى تۇرالغۇسىغا كېتىۋاتقاندا، ئاپتوموبىل ئەترىتىنىڭ ئېغىر تىپتىكى قورال ئورنىتىلغان بىر ئاپتوموبىل تەرىپىدىن ئوققا تۇتۇلغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.
چاۋۇشئوغلۇ يەنە، ئۆزبېكىستانلىق مەنسەپېىشى ئابدۇلئەزىز كامىلوۋ بىلەنمۇ تېلېفوندا سۆھبەتلەشتى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

تۈركىيەدە بۈگۈن 68يۇقۇملانغۇچى قازا قىلدى
تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن68كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.