كوجا: تەدرىجىي نورماللىشىش باشلىنىدۇ
سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا 1 – مارتتىن ئېتىبارەن مۇۋاپىق قارار باسقۇچىغا ئاساسەن تەدرىجىي نورماللىشىشنىڭ باشلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
1587332
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر كوجا، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «نورماللاشتۇرۇش باسقۇچلىرى ئۈستىدە ناھايىتى زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، سەزگۈرلۈك بىلەن خىزمەت ئىشلەۋاتىمىز، مۇۋاپىق قارار باسقۇچىغا ئاساسەن تەدرىجىي نورماللىشىش باشلىنىدۇ، 1 – مارت ئېتىبارى بىلەن بۇ باسقۇچ، مەلۇم بەلگىلىمە – پىرىنسىپلار دائىرىسىدە 4 خەتەر سەۋىيەسىدە، ۋالىيلىرىمىزنىڭ رەھبەرلىكىدىكى ھەرقايسى ۋىلايەتلەردە ساغلاملىقنى ئاسراش بەلگىلىمىلىرىمىزگە رىئايە قىلغان ئاساستا باشلىنىدۇ.»