ئەردوغان: «كوۋىد – 19» يۇقۇمى ھەمكارلىقنىڭ مۇھىملىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان «كوۋىد – 19» يۇقۇمىنىڭ تۈرك دۇنياسىنىڭ بىرلىك ۋە باراۋەرلىكى ھەم ھەمكارلىقىنىڭ مۇھىملىقىنى ئىسپاتلاپ بەرگەنلىكىنى ئېيتتى.

1586853
ئەردوغان: «كوۋىد – 19» يۇقۇمى ھەمكارلىقنىڭ مۇھىملىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس فۇئات ئوكتاي ۋە ئەزەربەيجان باش مىنىستىرى ئەلى ئەسەدوۋنىڭ ئىشتىراك قىلىشىدا چاقىرىلغان «تۈرك دۇنياسى مېتېئورولوگىيە مۇنبىرى» يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، «كوۋىد – 19» يۇقۇمى باسقۇچىنىڭ، تۈرك دۇنياسىنىڭ بىرلىك ۋە باراۋەرلىكى ھەم ھەمكارلىقىنىڭ مۇھىملىقىنى ئىسپاتلاپ بەرگەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «تۈرك دۇنياسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىز ئارقىدا قالدۇرغان مەزگىلدە، ‹كوۋىد – 19› يۇقۇمى سەۋەبىدىن كۆپلىگەن دوستلىرىمىز، يېقىن – يورۇقلىرىمىزدىن ئايرىلىپ قېلىشتەك مۇسىبەتكە دۇچ كەلدۇق. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، 30 يىللىق ئىشغالدىن كېيىن، تاغلىق قاراباغنىڭ تەكرار ئانا ۋەتەن بىلەن قۇچاقلىشىشىنىڭ بەختىيارلىقىغىمۇ چۆمدۇق.»

ئەزەربەيجانلىقلارنى ئۇدا 44 كۈن داۋاملاشقان داستان خاراكتېرلىك كۈرەشلىرى ئارقىلىق مىسلىسىز زەپەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكلىرى مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىكلىگەن ئەردوغان، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «ھەم تاغلىق قاراباغ ئۇرۇشى، ھەمدە ‹كوۋىد – 19› يۇقۇمى باسقۇچىدا باشتىن كەچۈرگەنلىرىمىز، دۆلەت مۇداپىئەسىدىن دىپلوماتىيەگىچە، سەھىيەدىن يېزا ئىگىلىككىچە، ساياھەتتىن ئېنېرگىيەگىچە ھەر ساھەدە تۈرك دۇنياسىنىڭ بىرلىك ۋە باراۋەرلىكى ھەم ھەمكارلىقىنىڭ مۇھىملىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى.

ئوخشاش تىلدا سۆزلىشىدىغان، ئوخشاش دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان، تارىخى بىر، مەدەنىيىتى بىر، كۈلتۈرى بىر، 300 مىليون تۈرك دۇنياسىنىڭ ئەسلىدە ناھايىتى چوڭ بىر ئائىلە ئىكەنلىكىنى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن تونۇپ يەتتۇق. ئائىلە ئەزالىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ئالدىمىزدىكى مەزگىلدە ئاساسلىق مەسئۇلىيىتىمىز، ئۆزئارا رىشتىلىرىمىزنى كۈچەيتىش، ئۆزئارا ھەمكارلىقنى يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزۈش بولۇشى كېرەك.  <تۈرك دۇنياسى مېتېئورولوگىيە بىرلىكى> قۇرۇش پىكرىنى بۇ ھەقتە تاشلانغان قىممەتلىك بىر قەدەم  دەپ قارايمەن.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر