تۈركىيە « F 35» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى تېررورلۇق ئامېرىكادا تەشەببۇستا بولىدۇ

تۈركىيە « F 35» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى پىروگراممىسىدىكى ھەق – ھوقۇقلىرىنى قوغداش ئۈچۈن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا تەشەببۇستا بولىدۇ.

1586789
تۈركىيە « F 35» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى تېررورلۇق ئامېرىكادا تەشەببۇستا بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى دۆلەت مۇداپىئەسى سانائىتى ئورگىنىنىڭ شېرىكلىرىدىن  SSTEK مۇداپىئە سانائىتى تېخنولوگىيە شىركىتى، تۈركىيەنىڭ « F 35» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى پىروگراممىسىدىكى ھەق – ھوقۇقلىرىنى قوغداش مەقسىتىدە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا تەشەببۇستا بولۇش ئۈچۈن خەلقئارا قانۇنچىلىق ئىشلىرى شىركىتى Arnold&Porter  بىلەن بىلەن كېلىشىم تۈزدى.

كېلىشىم، تۈركىيەنىڭ « F 35» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى پىروگراممىسىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىشنى داۋاملاشتۇرۇشىدىنمۇ بەكرەك،  ھازىرغىچە بولغان ھەق – ھوقۇقلىرىنى قوغداشقا قارىتا قانۇنىي جەھەتتىن مەسلىھەتچىلىك خىزمىتى ئىشلەيدۇ.

تۈركىيەنىڭ پىروگرامما سىرتىدا قالدۇرۇلۇشى بىلەن رەسمىي جەھەتتىن تۈركىيەگە تاپشۇرۇپ بېرىلگەن ئايروپىلانلار ئەمەلىيەت جەھەتتىن بېرىلمىدى، ھەمدە بۇنىڭ راسخوتلىرىمۇ قايتۇرۇپ بېرىلمىدى. كېلىشىم، بۇ دائىرىدە «تۈركىيەنىڭ قانۇنىي جەھەتتىكى ھەق – ھوقۇقلىرىنى قوغداش يولىدا ئىزنىدىغانلىقى» غا مۇناسىۋەتلىك باياناتلار توغرىسىدىكى تەشەببۇسلارنىڭ بىر پارچىسى سۈپىتىدە ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى.

تۈركىيەنىڭ پىروگراممىغا قايتىشى ياكى سىرتىدا قېلىشى بولسا، بۇ تەشەببۇسلاردىن مۇستەقىل ھالدا مۇلاھىزە يۈرگۈزۈش ۋە قارارلارغا باغلىق ھدالدا شەكىللىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر