يەنە ئىككى تېررورچى تەسلىم بولدى

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ قايىل قىلىش خىزمەتلىرى نەتىجىسىدە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / ك ج ك سېپىدىن قاچقان يەنە ئىككى تېررورچى خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە تەسلىم بولدى.

1586013
يەنە ئىككى تېررورچى تەسلىم بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، تەسلىم بولغان مەزكۇر تېررورچىلارنىڭ 2014 ۋە 2019 – يىللىرىدا پ ك ك/ك ج ك غا قاتنىشىپ سۈرىيە ۋە ئىراقتىكى پائالىيەتلىرىگە ئىشتىراك قىلغانلىقىنىڭ ئېنىقلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

يېڭىدىن تەسلىم بولغان تەشكىلات ئەزاسى مەزكۇر ئىككى تېررورچىنى قوشقاندا مۇشۇ يىلنىڭ بېشىدىن بۇيان قايىل قىلىش خىزمەتلىرى سايىسىدا تەسلىم بولغانلار ئومۇمىي سانى 27 گە يەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر