شەنتوپ بىلەن چاۋۇشئوغلۇ تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا لەنەت ئوقۇدى

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) باشلىقى مۇستافا شەنتوپ، خەلقنى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا لەنەت ياغدۇرۇشقا چاقىردى.

1583643
شەنتوپ بىلەن چاۋۇشئوغلۇ تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا لەنەت ئوقۇدى
super foto cavusoglu.jpg
sentop.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى مۇستافا شەنتوپ، تۋىتتېردا ئۇچۇر ھەمبەھىرلەپ، ئىراقنىڭ گارا رايونىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك تەرىپىدىن 13 تۈركىيە پۇقراسىنىڭ شېھىد قىلىنغانلىقىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.

ئۇ: «مەلئۇن تېررورلۇق تەشكىلاتى- پ ك ك بىلەن ئوخشاش. بىز ئىسمىنى ئەمەس، ئالمىشىنى تەلەپپۇز قىلغان ئىدۇق. ئىسمىنى تەلەپپۇز قىلماسلىقنى ‹مەسىلە› دەپ قارىغانلىقىمىز ياكى ئەنسىرىگەنلىكىمىز ئۈچۈن ئەمەس. پ ك ك غا ۋە بارلىق ھەمكارلاشقۇچىلىرىغا لەنەت بولسۇن، مىڭ قېتىم لەنەت بولسۇن...» دېدى.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئىراقنىڭ گارا رايونىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك تەرىپىدىن 13 تۈركىيە پۇقراسىنىڭ شېھىت قىلىنغانلىقىغا قارشى، غەربنىڭ ئاۋاز چىقارمىغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

ئۇ تۋىتتېردا تۈركچە ۋە ئىنگلىزچە ئۇچۇر ھەمبەھىرلىدى.

ئۇ: «غەربنىڭ تېررورىزمغا تۇتقان قوش ئۆلچەملىك سىياسىتى، يەنى ‹مېنىڭ تېررورىستىم ئەسكى، سېنىڭ تېررورىستىڭ ياخشى› دەيدىغان قاراش داۋاملىشىۋاتىدۇ» دېدى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چاۋۇشئوغلۇ ئۇچۇر ھەمبەھىرلەپ تەخمىنەن بەش سائەت ئۆتكەندە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى شېھىت قىلىنغان 13 تۈركىيە پۇقراسى ئۈچۈن تەزىيە تېلېگراممىسى ئېلان قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر