سىنوۋاك ۋاكسىناسىنىڭ ئارتۇقچىلىققا ئىگە ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى

تۈركىيەدە ئەملىنىۋاتقان «سىنوۋاك» ۋاكسىناسىنىڭ، يېڭى تۈر ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) غا قارشى تېخىمۇ كۆپ ئارتۇقچىلىققا ئىگە ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

1583624
سىنوۋاك ۋاكسىناسىنىڭ ئارتۇقچىلىققا ئىگە ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەھىيە مىنىستىرلىقى بىلىم كېڭىشىنىڭ ئەزاسى پىروفېسسور دوكتور ھەسەن مۇرات گۈندۈز بايانات ئېلان قىلىپ، خىتايدىن سېتىۋېلىنىپ تۈركىيەدە ئەملىنىۋاتقان ۋاكسىنانىڭ، يېڭى تۈر ۋىرۇسقا قارشى تېخىمۇ كۆپ ئارتۇقچىلىققا ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ: «بۇ ۋاكسىنانىڭ يېڭى تۈر ۋىرۇسقا قارشى كۆپ ئارتۇقچىلىققا ئىگە ئىكەنلىكى بىلىنىۋاتىدۇ. غەربتىكى باشقا دۆلەتلەرمۇ بۇ ۋاكسىناغا يۈزلىنىشكە باشلىدى. شۇڭا بۇ، بىز ئۈچۈن ئارتۇقچىلىق ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى بىز خەلقىمىزنى بۇ ۋاكسىنا بىلەن ئەملەۋاتىمىز» دېدى.

ئۇ كىشىلەرنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىگە ئىگە بولغاندا، مەزكۇر ۋاكسىنانىڭ ۋىرۇسقا قارشى ئۈنۈمىنىڭ تېخىمۇ ياخشى بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «كىشىلەر ۋىرۇسقا قارشى تەدبىرلەرگە ئاخىرىغىچە رىئايە قىلغان ۋە ئەملەنگەن ئەھۋالدا، باھار ئايلىرىنىڭ ئاخىرىدا ياخشى نۇقتىغا كېلىدىغانلىقىمىزنى پەرەز قىلغىلى بولىدۇ» دېدى.

ئۇ ئاخىرىدا، مۇشۇنداق بولغاندا، ياز پەسلىگە ئىشەنچ بىلەن كىرگىلى بولىدىغانلىقىنى ۋە ۋابانىڭ ئالدىنى مۇشۇ شەكىلدە ئالغىلى بولىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر