ئاقار قوماندانلار بىلەن بىرلىكتە چېگرا لىنىيەسىدە
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار تۈركىيە ئارمىيەسى قوماندانلىرى بىلەن بىرلىكتە چېگرا لىنىيەسىدىكى قىسىملارنى زىيارەت قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر ئاقار، باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال ياشار گۈلەر، قۇرۇقلۇق ئارمىيە قوماندانى گېنېرال ئۈمىت دۈندار، دېڭىز ئارمىيەسى قوماندانى گېنېرال ئادنان ئۆزبال ۋە ھاۋا ئارمىيەسى قوماندانى گېنېرال ھەسەن كۈچۈكئاقيۈز قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە شىرناققا يېتىپ باردى.
شەرافەتتىن ئەلچى ئايرودۇرۇمىدا ۋالىي ئەلى ھەمزە پەھلىۋان، 2 – ئارمىيە قوماندانى گېنېرال مەتىن گۈراق ۋە باشقا دائىرىلەر تەرىپىدىن قارشى ئېلىنغان ئاقار، ھەمراھلىقىدىكى تۈركىيە ئارمىيەسى قوماندانلىرى بىلەن بىرلىكتە چېگرا لىنىيەسىگە يېتىپ بېرىپ، بۇ يەردە ۋەزەپە ئۆتەۋاتقان قىسىملارنى زىيارەت قىلدى، خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈردى، كېيىنچە ئىراقنىڭ شىمالىدىكى گارا رايونىدا تېررورچىلارغا ئائىت نىشانلارغا قارىتا «پەنجە بۈركۈت – 2 ھەربىي ھەرىكىتى» نى ئېلىپ بېرىۋاتقان ۋە ھەرىكەتكە قوماندانلىق قىلىۋاتقان مەركەزگە ئۆتتى.
ئاقار، قوماندارلار بىلەن بىرلىكتە بۇ يەردە خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈشنى داۋاملاشتۇرماقتا.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيە نىگېرىيەگە تەزىيە بىلدۈردى
تۈركىيە يولۇچىلار پاراخوتى چۆكۈپ كېتىش ۋەقەسىدە 300 ئادەم قازا قىلغان نىگېرىيەگە تەزىيە بىلدۈردى.