تۈركىيە ب د ت خادىملىرى نىشان قىلىنغان ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئافغانىستاندا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئافغانىستانغا ياردەم بېرىش ئەترىتى خادىملىرى نىشان قىلىنغان تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى.

1582914
تۈركىيە ب د ت خادىملىرى نىشان قىلىنغان ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن، 11 – فېۋرال كۈنى پايتەخت كابۇلدا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئافغانىستانغا ياردەم بېرىش ئەترىتى خادىملىرى ئولتۇرغان ئاپتوموبىل نىشان قىلىنغان تېررورلۇق ھۇجۇمىدا 5م مۇھاپىزەتچى خادىمنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ھەققىدە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «بۇ قەبىھ تېررورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز، ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا ئاللاھ تائالادىن رەھمەت تىلەيمىز، يېقىن - يورۇقلىرىغا تەزىيە بىلدۈرىمىز، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى جامائەسىنىڭ دەرد – ئەلەملىرىنى ئورتاقلىشىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر