تۇتقۇن قىلىنغان تۈرك دېڭىزچىلار تۈركىيەگە كەلتۈرۈلىدۇ

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى نىگېرىيە ساھىللىرىدا دېڭىز قاراقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان «موزارت» ناملىق پاراخوتتىكى 15 تۈركىيە پۇقراسىنىڭ قۇتقۇزۇۋېلىنىپ، بىخەتەر جايدا ئىكەنلىكىنى، يېقىندا تۈركىيەگە كەلتۈرۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1582705
تۇتقۇن قىلىنغان تۈرك دېڭىزچىلار تۈركىيەگە كەلتۈرۈلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىرلىق تەرىپىدىن  ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، تۈرك دېڭىزچىلار تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىنلا، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ باسقۇچنى بىۋاسىتە تەقىب قىلىپ، مۇناسىۋەتلىك بارلىق ئورۇنلارنىڭ ئىشتىراك قىلىشىدا، 15 تۈركىيە پۇقراسىنىڭ قۇتقۇزۇلۇشى ئۈچۈن خىزمەت گۇرۇپپىسى تەشكىل قىلىنىشى توغرۇلۇق يوليورۇق چۈشۈرگەنلىكى، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ رايوندىكى تۈرك ئەلچىخانىلىرى بىلەن ماس قەدەمدە خىزمەت ئىشلەشكە باشلىغانلىقى ئەسكەرتىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىر ھەيئەتنىڭ 6 – فېۋرال كۈنى گابونغا يېتىپ بېرىپ، ئالاقىلىشىشكە باشلىغانلىقى، پاراخوتنىڭ ساھىبى بولغان شىركەتنىڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى بىلەن دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگىنىدىن بىر ھەيئەتنىڭمۇ ساھەگە ئەۋەتىلگەنلىكى قەيت قلىندى، ھەمدە  بارلىق ئورگانلارنىڭ ھەمكارلىق ئاساسىدا ھەرىكەت قىلىشى، پاراخوت ساھىبى شىركەتنىڭ تۇتقۇنلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن ناھايىتى زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە، تۈنۈگۈن تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭ قۇتقۇزۇۋېلىنغانلىقى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «15 پۇقرايىمىز بىخەتەر جايدا بولۇپ، سالامەتلىك ئەھۋالى تەكشۈرۈلمەكتە، ھۆرمەتلىك مىنىستىرىمىز پۇقرالىرىمىزنىڭ ھەممىسىنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى بىلەن كۆرۈشتى، پۇقرالىرىمىز ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە نىگېرىيەدىن دۆلىتىمىزگە قايتۇرۇپ كېلىنىدۇ.»

«گىۋىنېيە قولتۇقى» دا 23-يانۋار كۈنى، «موزارت» ناملىق پاراخوت ھۇجۇمغا ئۇچراپ، 15 تۈركىيە پۇقراسى تۇتقۇن قىلىنغان، بىر ئەزەربەيجان پۇقراسى ھۇجۇم جەريانىدا قازا قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر