ۋاكسىنا ئەملەش خىزمىتىدە ئىككىنچى باسقۇچ باشلاندى

تۈركىيەدە «كوۋىد – 19» يۇقۇمىغا قارشى ۋاكسىنا ئەملەش خىزمىتىدە ئىككىنچى باسقۇچ باشلاندى.

1581752
ۋاكسىنا ئەملەش خىزمىتىدە ئىككىنچى باسقۇچ باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەدە «كوۋىد – 19» يۇقۇمىغا قارشى دەسلەپكىسى 14 – يانۋار كۈنى باشلانغان ۋاكسىنا ئەملەش خىزمىتىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچى بۈگۈن سەھىيە خادىملىرى بىلەن باشلاندى.

ھازىرغىچە تەخمىنەن 3 مىليون كىشىگە ۋاكسىنا ئەملەندى.

سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، «نىشان، نوپۇسىمىزنىڭ كەم دېگەندە % 60 تىگە ۋاكسىنا ئەملەشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتۇر» دېگەنىدى.

پىلان بويىچە بۈگۈندىن ئېتىبارەن 70 ياش ۋە ئۇنىڭدىن چوڭ پۇقرالارغىمۇ ۋاكسىنا ئەملەش خىزمىتى باشلىنىدۇ.

ئىلگىرى 90 ياش ۋە ئۇنىڭدىن چوڭ كىشىلەرگە تۇنجى باسقۇچلۇق ۋاكسىنا ئەملەنگەنىدى.

مىنىستىر كوجا، تۈنۈگۈن ئۆتكۈزۈلگەن سەھىيە ئىلمىي كېڭىشى يىغىنىدا، 65 ياش ۋە ئۇنىڭدىن چوڭ پۇقرالارغىمۇ ئەتىدىن ئېتىبارەن ۋاكسىنا ئەملىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر