چاۋۇشئوغلۇ كۇۋەيتتە ئال ئاندا گېزىتىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تۈركىيە شىركەتلىرىنىڭ كۇۋەيتتە مۇۋەپپەقىيەتلىك لايىھەلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «تۈركىيە شىركەتلىرى كۇۋەيتنىڭ 2035-يىللىق تەرەققىيات نىشانى دائىرىسىدە مەسئۇلىيەتلەرنى ئۈستىگە ئېلىشقا تەييار» دېدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ خىزمەت زىيارىتى دائىرىسىدە يېتىپ بارغان كۇۋەيتتە، «ئال ئاندا گېزىتى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، سوئاللارغا جاۋاب بەردى.
ئۇ: «قېرىنداش كۇۋەيت بىلەن ئىنتايىن ياخشى مۇناسىۋەتلىرىمىز بار. ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىمىز ئىنتايىن ياخشى بولۇپ، سىستېمىلاشقان» دېدى.
ئۇ كۇۋەيتنىڭ پارس قولتۇقى كىرىزىسىنى ھەل قىلىشتا ئاكتىپ رول ئوينىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «تۈركىيە كۇۋەيتنىنىڭ رايونلۇق توقۇنۇشلاردىكى مۇرەسسەچىلىك رولىنى، دىيالوگ ۋە ئۆزئارا چۈشىشنىش يولى بىلەن تىنچلىقنى ۋە بىخەتەرلىكنى داۋاملاشتۇرۇش مەسىلىسىدىكى ئورنىنى تەقدىرلەيدۇ، شۇنداقلا ئىنتايىن قەدىرلەيدۇ» دېدى.
ئۇ كۇۋەيتتىن كېيىن، ئۇممان بىلەن قاتارنى زىيارەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «دەسلەپتە كۇۋەيتنى زىيارەت قىلىش، پارس قولتۇقى مەسىلىسى نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا سىمۋوللۇق ئەھمىيەتكە ئىگە. كۇۋەيتنىڭ، قاتار بىلەن ئەرەب تۆت تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپلارنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا قوشقان تۆھپىسىنى تەقدىرلەيمىز. كۇۋەيت رايوندىكى، ياخشى سوت، تىنچلىق ۋە ھەمكارلىقلارنىڭ ئۈلگىسى ھېسابلىنىدۇ. كۇۋەيتنىڭ تىرىشچانلىقلىرى پارس قولتۇقى ئىختىلاپلىرىنى تولۇق ۋە كەڭ دائىرىدە ھەل قىلىش ئۈچۈن ئىجابىي مۇھىت ياراتتى. پارس قولتۇقى كىرىزىسىنى ئارقىدا قالدۇرغىنىمىزغا قارىغاندا، بارلىق پارس قولتۇقى رايونى بىلەن ھەمكارلىقلىرىمىزنى كۈچەيتىشكە ۋە كۇۋەيتنىڭ غايىۋى رەھبەرلىكىنىڭ مەھسۇلاتى بولغان پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى بىلەن ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىكىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تەييارمىز» دېدى.
ئۇ تۈركىيە شىركەتلىرىنىڭ كۇۋەيتتە نۇرغۇن مۇھىم ۋە سىمۋوللۇق مەنىگە ئىگە لايىھەلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «كۇۋەيتنىڭ 2035-يىللىق تەرەققىيات نىشانى دائىرىسىدە، مەسئۇلىيەتلەرنى ئۈستىگە ئېلىشقا تەييار» دېدى.
ئۇ بەزى ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن ئىسىرائىلىيە ئوتتۇرىسىدىكى نورماللىشىش مۇساپىسى ئۈستىدە توختىلىپ: «بۇ نامدىكى نورماللىشىش كېلىشىملىرى توغرىسىدىكى ئەندىشەلىرىمىزنى ئوتتۇرىغا قويدۇق. چۈنكى بۇ كېلىشىملەرنىڭ ب د ت قارارلىرىدىن ئورۇن ئالغان، ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسىنى ۋە ئۇزۇن ۋاقىتتىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان توقۇنۇشلارنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئورنىتىلغان خەلقئارالىق قائىدە-پىرىنسىپلارنى ئاجىزلىتىش يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمىز» دېدى.
ئۇ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان كېلىشىملەرنىڭ ئىمزالىنىشىنىڭ، 2002-يىلىدىكى ئەرەب تىنچلىق كېلىشىمىنىڭ ئاساسى بولغان «تىنچلىق ئۈچۈن زېمىن» ۋە «نورماللىشىشتىن كېيىن تىنچلىق» پىرىنسىپلىرىغا زىت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.