ئەردوغان: مىللىي ئىرادىنىڭ كۈچىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان يېڭى ئاساسىي قانۇن 2023 – يىلى تاماملىنىدۇ

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان مىللىي ئىرادىنىڭ كۈچىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان يېڭى ئاساسىي قانۇننى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى 100 – يىلغا قەدەم باسىدىغان 2023 – يىلى تاماملاشنى نىشان قىلىۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتتى.

1580864
ئەردوغان: مىللىي ئىرادىنىڭ كۈچىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان يېڭى ئاساسىي قانۇن 2023 – يىلى تاماملىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ۋە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى رەھبىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، پارتىيەسىنىڭ تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدىكى گۇرۇپپا يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، ئىسلاھات پىلانىنىڭ ئومۇرتقىسىنى تەشكىل قىلىدىغان يېڭى ئاساسىي قانۇن تەكلىپى توغرۇلۇق توختىلىپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيە تارىخىدا تۇنجى قېتىم بىر پۇقراۋى ئاساسىي قانۇن تۈزۈش ۋە ئۇنى ھەقىقىي ئەركىنلىك مۇھىتى ئاستىدا خەلقنىڭ خىزمىتىگە سۇنۇش پۇرسىتىگە ئېرىشتى، مىللىي ئىرادىنىڭ كۈچىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان يېڭى ئاساسىي قانۇننى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى 100 – يىلغا قەدەم باسىدىغان 2023 – يىلى تاجلاندۇرۇشنى نىشان قىلىۋاتىمىز، بۇنىڭغا ئىشەنچىم كامىل.»

بارلىق سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ بۇ باسقۇچتىن ئورۇن ئېلىش يولىنى تاللاۋاتقانلىقلىرىنى ئەسكەرتكەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «ئالدىراڭغۇلۇق قىلماستىن، ھەر ساھە ئاممىسى بىلەن تېگىشلىك كېڭىشىشلارنى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ئالدىمىزدىكى ئەسىرنىڭ ئېھتىياجلىرىنى قاندۇرۇلايدىغان ئاساسىي قانۇن تۈزۈش تەكلىپلىرىمىزنى بۇ يىل ئىچىدە تاماملايلى ۋە مۇزاكىرىلەرنى باشلايلى!»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر