خۇلۇسى ئاقار سۇدان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار پايتەخت ئەنقەرەدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان سۇدان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ياسىن ئىبراھىم ياسىن بىلەن كۆرۈشتى.

1580607
خۇلۇسى ئاقار سۇدان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

 

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتقا ئاساسلانغاندا، خۇلۇسى ئاقار سۇدانلىق مەنسەپدىشىنى مىنىستىرلىقتا ھەربىي مۇراسىم بىلەن قارشى ئالغان.

ئايرىم سۆھبەتتىن كېيىن، مىنىستىر ئاقار بىلەن ياسىن ھەيئەتلەر ئارا سۆھبەتكە رىياسەتچىلىك قىلغان.

ئۇچرىشىشتا، ئۆزئارا ۋە رايون خاراكتىرلىق مۇناسىۋەتلەر، بىخەتەرلىك ۋە مۇداپىئە سانائىتى ساھەسىدىكى ھەمكارلىقلار مۇزاكىرە قىلىنغان.

خۇلۇسى ئاقار تۈركىيە بىلەن سۇدان ئوتتۇرىسىدىكى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە دوستلۇق ۋە قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.

مۇزاكىرىلەردە، تۈركىيەنىڭ سۇداننى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى، سۇدان بىلەن مۇداپىئە سانائىتى ھەمكارلىقىدىن باشقا يەنە، ھەربىي مائارىپ ھەمكارلىقىنىمۇ تېخىمۇ بەك ئىلگىرلەيدىغان شەكىلدە داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر