چاۋۇشئوغلۇ ئۇممان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ پارس قولتۇقى دۆلەتلىرى ئارىسىدىكى نورماللىشىش مۇساپىسىنى مەمنۇنلۇق بىلەن قارشى ئالغان تۈركىيەنىڭ، پارس قولتۇقى دۆلەتلىرىدە ئىتتىپاقلىق، پاراۋانلىق ۋە بىخەتەرلىكنى قوللىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1580873
چاۋۇشئوغلۇ ئۇممان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ رەسمىي زىيارەت ئۈچۈن ېيتىپ بارغان ئۇمماندا، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سەييىد بادىر بىن ھامەد بىن ھامود ئالبۇسائىدى بىلەن كۆرۈشتى. ئىككى رەھبەرنىڭ كۆرۈشۈشىدىن كېيىن، قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئۇممان سۇلتانى ھەيسەم بىن تارىق تەيمۇر ئالسەئىدكە ئەۋەتكەن تەكلىپىنى يەتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سەييىد بادىر بىن ھامەد بىن ھامود ئالبۇسائىدى بىلەن بولغان كۆرۈشۈشىنىڭ ئۈنۈملۈك بولغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ: «سىياسىي ۋە سودا- ئىقتىساد مۇناسىۋەتلىرىمزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مەسىلىسىدە، پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلدۇق. رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلدۇق» دېدى.

ئۇ تۈركىيەنىڭ پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك شېرىكى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «دۆلەتلەر ئارىسىدىكى نورماللىشىش مۇساپىسىنى مەمنۇنلۇق بىلەن قارشى ئالغان تۈركىيە، پارس قولتۇقى دۆلەتلىرىدە ئىتتىپاقلىق، پاراۋانلىق ۋە بىخەتەرلىكنى قوللايدۇ» دېدى.

ئۇ ئۇممان بىلەن تۈركىيەنىڭ، پەلەستىن، سۈرىيە ۋە لىۋىيە مەسىلىلىرىدە ئوخشاش قاراشلارغا ئىگە ئىگە ئىكەنلىكىدىن مەمنۇن ئىكەنلىكىنىمۇ سۆزلىرىگە ئېلا ۋە قىلدى.

ئۇممان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سەييىد بادىر بىن ھامەد بىن ھامود ئالبۇسائىدى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنى كۈتۈۋالغانلىقىدىن خۇشال ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە: «بۇ زىيارەتتە، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ياخشى ۋە ئالاھىدە مۇناسىۋەتلىرىمىزگە پايدىلىق ۋە ئۈنۈملۈك يىغىن ئۆتكۈزدۇق. بۇ مۇناسىۋەتلەرنى، بولۇپمۇ ئىقتىساد، سودا، ساياھەتچىلىك ۋە مەدەنىيەت ساھەلىرىگە كېڭەيتىشنىڭ يوللىرى ئۈستىدە ئىزدەندۇق» دېدى.

ئۇ يەنە، رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەرنىمۇ مۇزاكىرە قىلغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ، چىققان مەسىلىلەرنى ۋە قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشتە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

ئۇ ئاخىرىدا، ۋۇخەن ۋىرۇسى(Kovid-19)  غا قارشى تۇرۇشتا ئۆزئارا پىكرى ئالماشتۇرغانلىقرىنىمۇ بىلدۈرۈپ، مەزكۇر مەسىلىدە تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىلغانلىقىنى ۋە ئۆزئارا ئۇچۇر ئالماشتۇرغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر