قايىل قىلىش ۋاسىتىسى ئارقىلىق يەنە بىر تېررورچى تەسلىم بولدى
قايىل قىلىش پائالىيەتلىرى نەتىجىسىدە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ك ج ك دىن قاچقان يەنە بىر تېررورچى دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە تەسلىم بولدى.
1580236
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىچكى ئىشلار ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جامائەت خەۋپسىزلىكى باش ئىدارىسى بىلەن قوراللىق ساقچى قىسىم قوماندانلىق باش ئىشتابىنىڭ مۇناسىۋەتلىك بۆلۈملىرى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان قايىل قىلىش پائالىيەتلىرى نەتىجىسىدە، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ك ج ك دىن قاچقان يەنە بىر تېررورچى دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە تەسلىم بولغان.
باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، 2017 – يىلى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ك ج ك نىڭ سېپىگە قېتىلىپ، ئىراق ۋە سۈرىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بارغانلىقى ئېنىقلاپ چىقىلغان بۇ تېررورچى بىلەن بىرلىكتە، پەقەت 2021 – يىلىلا قايىل قىلىش پائالىيەتلىرى نەتىجىسىدە تەسلىم بولغان تېررورچىلارنىڭ سانى 22 گە يەتكەن.