فۇئات ئوكتاي ياپونىيەنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق يېڭى باش ئەلچىسى بىلەن كۆرۈشتى

مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس فۇئات ئوكتاي تۈركىيەدە يېڭى ۋەزىپىسىنى باشلىغان ياپونىيەنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى كازۇخىرو سۇزۇكىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.

1579838
فۇئات ئوكتاي ياپونىيەنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق يېڭى باش ئەلچىسى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇچرىشىشتا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا، ئىقتىساد، تېخنىكا ۋە مەدەنىيەت تېمىلىرى شۇنداقلا مۇداپىئە ساھەسىدىكى خىزمەتلەر مۇزاكىرە قىلىندى.

كازۇخىرو سۇزۇكى 2011-يىلى 11-مارتتا ياپونىيەدە يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كېيىن تۈركىيەنىڭ رايونغا تۇنجى ياردەم قىلغان دۆلەتلەرنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، شۇ چاغلاردا تۈركىيە ئاپەت ۋە جىددى ھالەتلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىدارىسى (AFAD) نىڭ باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى  ئۆتىگەن فۇئات ئوكتايغا ئالاھىدە مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى.

ياپونىيەدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشنىڭ 10 – خاتىرە يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن  تۈركىيەدە تەشۋىقات پائالىيىتى ئېلىپ بارماقچى بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن كازۇخىرو سۇزۇكى بۇ سەپەرۋەرلىككە دائىر مەلىمات بېرىپ، فۇئات ئوكتايدىن ياردەم تەلەپ قىلىدى.

مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس فۇئات ئوكتايمۇ بۇ خىل سەپەرۋەرلىكلەرنى تۈركىيەنىڭ ھەر دائىم قوللاپ - قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، كازۇخىرو سۇزۇكىنىڭ يېڭى ۋەزىپىسىنىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇشىنى تىلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر