ئىزمىردە نۇرغۇن كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىندى
ئىزمىرنىڭ دىكىلى ناھىيەسى دېڭىز ساھىللىرىدا گىرېتسىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى تەرىپىدىن تۈركىيە سۇ تەۋەلىكىگە قايتۇرۇۋېتىلگەن 19 كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىندى.
1578429
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ساھىل بىخەتەرلىك قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ ئىنتېرنېت تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، ئىشتاب، ئىزمىرنىڭ دىكىلى ناھىيەسى دېڭىز ساھىللىرىدا بىر گۇرۇپپا تەرتىپسىز كۆچمەننىڭ كۆرۈلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، دەرھال رايونغا ساھىل بىخەتەرلىك ئەترەتلىرىنى ئەۋەتىپ، گىرېتسىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى تەرىپىدىن تۈركىيە سۇ تەۋەلىكىگە قايتۇرۇۋېتىلگەن 19 كۆچمەننى قۇتقۇزۇۋالغان.
كۆچمەنلەر رەسمىيەتلىرىنىڭ تاماملىنىشىدىن كېيىن، ۋىلايەتلىك كۆچمەنلەر ئىدارىسىغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن.