ئەردوغان: تۈركىيەنى ئەڭ تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەردىن بىرىگە ئايلاندۇرۇشقا تىرىشىۋاتىمىز

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەنى دۇنيا بويىچە تەرەققىي تاپقان ئەڭ چوڭ 10 دۆلەتتىن بىرىگە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ چوڭ لايىھەلەرگە، تېخىمۇ بۈيۈك سېلىنمىلارغا يۈزلىنىۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتتى.

1578478
ئەردوغان: تۈركىيەنى ئەڭ تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەردىن بىرىگە ئايلاندۇرۇشقا تىرىشىۋاتىمىز
tohma koprusu.jpg
erdogan.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، مالاتيا ۋە سىۋان ئوتتۇرىسىدىكى «قاراقايا توسمىسى كۆلى» ئۈستىگە ياسالغان، ئۇزۇنلۇقى 517.5 مېتىر كېلىدىغان يېڭى توھما كۆۋرۈكىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىدە، تۈركىيەنىڭ تەرەققىيات كۈرىشىدە كېچىكىپ قېلىشنىڭ بەدىلىنى، ئۇزۇن مۇددەت سەل قاراش، ئارقىدا قېلىش ۋە پېقىرلىق سۈپىتىدە تۆلىگەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «خەلقىمىزنىڭ قىزغىن قوللىشى ۋە تەشۋىقى بىلەن 18  يىلدا ھەر ساھەدە تۈركىيەنىڭ  قىياپىتىنى ئۆزگەرتتۇق. بۈگۈنكى كۈندە تۈركىيە، يەر شارى خاراكتېرلىك سەۋىيەدە ئىشقا ئاشۇرۇلۇۋاتقان چوڭ – چوڭ لايىھەلەرنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئەمەلگە ئاشۇرالىغان بىر دۆلەتتۇر. دۆلىتىمىزنى دۇنيا بويىچە تەرەققىي تاپقان ئەڭ چوڭ 10 دۆلەتتىن بىرىگە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ چوڭ لايىھەلەرگە، تېخىمۇ بۈيۈك سېلىنمىلارغا يۈزلىنىۋاتىمىز.»

«كوۋىد – 19» يۇقۇمى تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرنىمۇ ئېغىر تالاپەتلەرگە ئۇچرىتىۋاتقان بىر پەيتتە، تۈركىيەنىڭ ئېكىسپورتىنىڭ رېكورت ئۈستىگە رېكورتنى بۇزۇپ تاشلاۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان، تۈركىيەنىڭ تەرەققىي قىلىش، قۇدرەت تېپىش، گۈللىنىش، رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق كۈچكە ئايلىنىشتەك ئۇلۇغۋار نىشانلىرىغا يېتىشىنى خالىمىغانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ داۋاملىق لايىھەلىرىگە ھۇجۇم قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيە نۆۋەتتە نەزىرىنى ئالەم بوشلۇقىغا مۇناسىۋەتلىك لايىھەلەر، ئىلغار تېخنولوگىيەلەر ۋە سۈنئىي ئىدراكقا ئاغدۇرۇۋاتقان بىر دۆلەتتۇر. يۇقۇم مەزگىلىدە، سەھىيە ساھەسىدە بارلىق دۆلەتلەر پۇقرالىرىغا دوختۇرخانىلارنىڭ ئىشىكلىرىنى تاقىۋالغان بىر پەيتتە، بىز ئاللىقاچان مۇستەھكەم ئۇل ئەسلىھە ۋە سىستېمىمىزنى تاماملىغانلىقىمىز ئۈچۈن،  بىمالال ھالدا ئۈزلۈكسىز مۇلازىمەت قىلىشقا مۇۋەپپەق بولدۇق، مەملىكىتىمىزدە مائارىپ ئىشلىرى ئاقساپ قالماي، ئۆز پېتى داۋاملىشىۋاتقان بولسا، بۇمۇ بىز ئىشقا ئاشۇرغان كۈچلۈك تېخنولوگىيەلىك ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ سايىسىدىدۇر. سودىمىز بىر قىسىم چەكلىك ساھەلەرنىڭ سىرتىدا  ئىزچىل داۋاملاشقان ۋە يېڭى ئۇپۇقلارغا يۈزلەنگەن بولسا،  بۇمۇ بىز ئىشقا ئاشۇرغان كۈچلۈك تېخنولوگىيەلىك ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ سايىسىدىدۇر.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر