«فىرات قالقىنى» رايونىدا نۇرغۇن تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
«‹ فىرات قالقىنى› ھەربىي ھەرىكىتى» رايونىدا زەيتۇن يىغىۋاتقان دېھقانلارغا ھۇجۇم قىلغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ ئەزاسى 3 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.
1578428
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان باياناتىدا، مۇنداق دېيىلدى: «تەل رىفئەت رايونىدىكى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ مەنسۇبى تېررورچىلار، ‹ فىرات قالقىنى› ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدىكى ئەزىزدا زەيتۇن يىغىۋاتقان دېھقانلارغا ھۇجۇم قىلدى، دېھقانلارغا ئوق چىقىرىلغانلىقىنى كۆرگەن قەھرىمان ئالاھىدە قىسىملىرىمىز، دەرھال بۇ تېررورچىلارغا جاۋاب قايتۇرۇپ، 3 تېررورچىنى بىر تەرەپ قىلدى.»