تۈركىيەنىڭ يەرلىك ئۇزۇن مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى «ئاتماجا» غەلىبىلىك سىناق قىلىندى

روكېتسان تەرىپىدىن ياسالغان ئۇزۇن مۇساپىلىك پاراخوت ئاتار باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى — ئاتماجا تۈنۈگۈن سىنوپتا سىناق قىلىندى.

1577725
تۈركىيەنىڭ يەرلىك ئۇزۇن مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى «ئاتماجا» غەلىبىلىك سىناق قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرىجۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى مۇداپىئە سانائىتى ئىدارىسى باشلىقى ئىسمائىل دەمىر، تۈركىيەنىڭ تۈنۈگۈن غەلىبىلىك سىناق قىلىنغان پاراخوتلارغا قارشى يەرلىك ئۇزۇن مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى «ئاتماجا»غا ئەمگەك تەرى سىڭگەن بارلىق كىشىلەرنى تەبرىكلىدى.

ئىسمائىل دەمىر تىۋىتتېردىكى ئادرېسىدا روكېتسان (راكېتامىيوت سودا – سانائەت شىركىتى) تەرىپىدىن ياسالغان ئۇزۇن مۇساپىلىك پاراخوت ئاتار باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى — ئاتماجانىڭ سىنتوپتا سىناق قىلىنغانلىقى توغرىسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ: «تۇنجى مىللىي پاراخوت ئاتار باشقۇرۇلىدىغان بومبىمىز — ئاتماجا، يەرلىك پاراخوتىمىز TCG قىنالىئادىن قويۇپ بېرىلدى ۋە نىشانغا ئۇتۇقلۇق زەربە بەردى. ئەمگىكى سىڭگەن بارلىق كىشىلەرنى تەبرىكلەيمەن. قەھرىمان ئارمىيەمىزگە خەيرلىك بولسۇن» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

روكېتسان تەرىپىدىن ياسالغان ئۇزۇن مۇساپىلىك پاراخوت ئاتار باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى — ئاتماجا تۈنۈگۈن سىنوپتا سىناق قىلىنغانىدى.

سىناق قىلىش پائالىيىتىگە دېڭىز ئارمىيە قوماندانى ئادمىرال ئادنان ئۆزبال بىلەن ۋالىي ئەرول قارائۆمەرئوغلۇ قاتارلىقلارمۇ قاتناشقانىدى.

ئادمىرال ئۆزبال سىناق جەريانىدا سۆز قىلىپ: «مىللىي مەھسۇلاتىمىز ئاتماجا، دوستقا خاتىرجەملىك، دۈشمەنگە ۋەھىمە بولىدۇ» دېگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر