تۈركىيە ئەسكەرلىرى ناتودا يۇقىرى ئىقتىدارىنى كۆرسەتتى

ناتو قۇرۇقلۇق ئارمىيە قوماندانلىق ئىشتابى تۋىتتېردا، «ئىنتايىن يۇقىرى تەييارلىق سەۋىيەدە بىرلەشمە ۋەزىپە ئۆتەش قىسمى» دائىرىسىدە مانىۋېر ئۆتكۈزگەن تۈركىيە ئەسكەرلىرىنىڭ كۆرۈنۈشلىرىنى ھەمبەھىرلىدى.

1577098
تۈركىيە ئەسكەرلىرى ناتودا يۇقىرى ئىقتىدارىنى كۆرسەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ناتو قۇرۇقلۇق ئارمىيە قوماندانلىق ئىشتابى تۋىتتېردا، «ئىنتايىن يۇقىرى تەييارلىق سەۋىيەدە بىرلەشمە ۋەزىپە ئۆتەش قىسمى» دائىرىسىدە مانىۋېر ئۆتكۈزگەن تۈركىيە ئەسكەرلىرىنىڭ كۆرۈنۈشلىرىنى ھەمبەھىرلىدى.

ھەمبەھىرلەنگەن كۆرۈنۈشلەردە، تۈركىيە ئەسكەرلىرىنىڭ تۈركىيەدە ياسالغان «ۋۇران» ماركىلىق ھەربىي ئاپتوموبىل ۋە دەريالاردىن ئۆتۈشتە ئىشلىتىلىدىغان «سامۇر» لەيلىمە كۆۋرۈكلىرىدىن يۇقىرى ماھارەت بىلەن پايدىلىنىۋاتقانلىقى مەزمۇن قىلىنىدۇ.

تۈركىيە ئەسكەرلىرىنىڭ يۇقىرى ۋەزىپە ئۆتەش ئىقتىدارى بۇ كۆرۈنۈشلەر بىلەن يەنە بىر قېتىم نامايان قىلىندى.

ئىنتايىن يۇقىرى تەييارلىق سەۋىيەسىدە بىرلەشمە ۋەزىپە ئۆتەش قىسمىنىڭ قوماندانلىق ھوقۇقى 2021-يىلى 31-دېكابىرغىچە تۈركىيەدە بولىدۇ.

ناتونىڭ ئىلگىرىكى باياناتىدا، تۈركىيەنىڭ ناتو تەركىبىدە ھەرىكەت قابىلىيىتى ئەڭ يۇقىرى قىسىملاردىن بولغان مەزكۇر قىسىم ئۈچۈن، بولۇپمۇ ئارقا سەپ ۋە ئوق-دورا ئېتىياجلىرىنى پىلانلاشقا مۇھىم مەبلەغلەرنى سالغانلىقى تەكىتلەنگەن ئىدى.

ناتو ئەزالىرى ھەر يىلى نۆۋەت بىلەن قوماندانلىق قىلىدىغان بۇ قىسىمغا، پولشا 2020-يىلى، گېرمانىيە 2019-يىلى قوماندانلىق قىلغان ئىدى.

مەزكۇر قىسىم ناتو ئىتتىپاقداشلىرىنى ھەر قانداق تەھدىتكە قارشى قوغداش ئۈچۈن قىسقا ۋاقىت ئىچىد ھەرىكەتكە ئۆتەلەيدىغان شەكىلدە تەييار ھالەتتە تۇرىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر