ئاقار بۇداپېشتتا زىيارەتتە بولماقتا

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار ۋېنگىرىيەنىڭ پايتەختى بۇداپېشتتا زىيارەتتە بولماقتا.

1576418
ئاقار بۇداپېشتتا زىيارەتتە بولماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيەدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ تۈنۈگۈن ۋېنگىرىيەگە يېتىپ بارغان مىنىستىر ئاقار، ئايرودۇرۇمدا مەنسەپدىشى تىبور بېنكو تەرىپىدىن كۈتۈۋېلىندى.

ئالدى بىلەن بۇداپېشتتىكى تۈرك شېھىتلەر قەبرىستانلىقىنى زىيارەت قىلغان ئاقار، ئۇ يەردىكى خاتىرىلەش مۇراسىمىدا بېنكو بىلەن بىرلىكتە بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى گالىسىيە فىرونتى شېھىتلىرىغا ئاتاپ خاتىرە مۇنارىغا گۈلچەمبىرەك قويدى ۋە قەبرىلەرگە گۈل قويدى.

ئاقار يەنە بېنكو بىلەن بىرلىكتە گۈل بابا قەبرىسى ۋە مەدەنىيەت مەركىزىنىمۇ زىيارەت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر