ئىبراھىم قالىن ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى سۇللىۋان بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن، ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسىلىلىرى مەسلىھەتچىسى جەيك سۇللىۋان بىلەن تېلېفونلاشتى.

1576268
ئىبراھىم قالىن ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى سۇللىۋان بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى بايانات ئىشلىرى ئىشخانىسى بايانات ئېلان قىلىپ، باياناتچى ئىبراھىم قالىننىڭ سۇللىۋاننىڭ يېڭى ۋەزىپىسىنى تەبرىكلىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئالدىمىزدىكى مەزگىللەردە تۈركىيە - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش، بارلىق مەسىلىلەردە قويۇق ئالاقىنى ساقلاپ قېلىش ۋە بەرپاچى ھەمكارلىقنى كاپالەتلەندۈرۈش ئۈچۈن دىيالوگ يوللىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكى تەكىتلەنگەن سۆھبەتتە، يۇقۇمغا قارشى كۈرەشتە يەرشارىۋى ھەمكارلىق ۋە ئۆزئارا يار – يۆلەك بولۇشنىڭ مۇھىملىقىغا ئىشارەت قىلىپ ئۆتۈلدى.

سۈرىيە ۋە لىۋىيە مەسىلىلىرىنى سىياسىي ئۇسۇلدا ھەل قىلىش مۇساپىسىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلىنغان سۆھبەتتە، ھەر خىل تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى ئۈنۈملۈك ۋە ئورتاق كۈرەش قىلىشنىڭ مۇھىملىقى تەكىتلەندى.

ئىدلىبنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى مۇھاكىمە قىلىنغان، يېڭى مۇساپىرلار دولقۇنىنىڭ رايوندا پەيدا قىلىدىغان مۇقىمسىزلىقى ۋە يۈز بەرگۈسى ئىنسانىي كىرىزىسقا قارىتا كونكېرت ۋە جىددىي ھەرىكەت قوللىنىشنىڭ بىر زۆرۈرىيەت ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان سۆھبەتتە، تۈركىيە بىلەن گىرېتسىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئىزدىنىش سۆھبەتلىرىنىڭ شەرقىي ئاقدېڭىزنىڭ تىنچلىق ۋە مۇقىملىقىغا ھەسسە قوشۇشىنىڭ ئۈمىد قىلىنىدىغانلىقى تىلغا ئېلىندى.

تۈركىيەنىڭ ئامېرىكانىڭ پارىژ كېلىشىمىگە قايتىش قارارىنى قارشى ئالىدىغانلىقى ھەمدە كىلىمات ئۆزگىرىشىگە قارشى كۈرەش، س – 400 ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى، F-35 ۋە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ي د/ي پ گ غا ئوخشاش ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئىختىلاپلارغا سەۋەب بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ يېڭىچە كۆز قاراش بىلەن ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىلىشىنىڭ ئەھمىيىتى قەيت قىلىندى.

ئىككى ئىتتىپاقداش دۆلەتنىڭ يېڭى دەۋردە كۈچلۈك، سىجىل ۋە ئىجابىي مۇناسىۋەت ئەندىزىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنىڭ ئۈمىد قىلىنىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىنغان سۆھبەتتە، شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى – ناتو ئىتتىپاقىنىڭ كۈچەيتىلىشى، رايون ۋە يەر شارى تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا تۆھپە قوشىدىغان ئورتاق قەدەملەرنىڭ تاشلىنىشى توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلىندى.

ئاقساراينىڭ مەزكۇر ئىككى ئەمەلدارنىڭ ئۇچرىشىشى توغرىسىدىكى باياناتىدا: «سۇللىۋان (پىرېزىدېنت جو) بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ بەرپاچى ئامېرىكا-  تۈركىيە مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، ھەمكارلىق ساھەلىرىنى كېڭەيتىپ، ئىختىلاپلارنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر