ئەردوغان يېڭى ئاساسىي قانۇن مەسىلىسىنى يەنە بىر قېتىم تىلغا ئالدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، تۈزۈپ چىقىشنى ئويلىشىۋاتقان يېڭى ئاساسىي قانۇننىڭ جۇمھۇر رەئىسلىك ھۆكۈمەت سىستېمىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تارىخىي بۆسۈشلەرنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1576695
ئەردوغان يېڭى ئاساسىي قانۇن مەسىلىسىنى يەنە بىر قېتىم تىلغا ئالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس، قوشۇمچە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى رەئىسى ئەردوغان، پارتىيەسىنىڭ مەركىزىي بىناسىدىن ئارتۋىن، بىلەجىك، غازىئانتەپ ۋە ئىغدىر ۋىلايەتلىرىنىڭ 7 – نۆۋەتلىك ۋىلايەتلىك قۇرۇلتايلىرىغا سىن كۆرۈنۈشلۈك ئىشتىراك قىلدى.

سۆزىدە دۆلەتنىڭ ھوقۇقى ۋە مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن قەتئىيلىك بىلەن كۈرەش قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن ئەردوغان: «ھازىرغىچە نامايان قىلغان پىداكارلىقلىرىمىزنىڭ زايا بولۇپ كەتمەسلىكى ۋە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىمىزنىڭ كەينىگە قايتماسلىقى ئۈچۈن تىرىشىۋاتىمىز» دېدى.

يەر شارىنىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي تەڭپۇڭلۇقى تەۋرىنىۋاتقان مۇشۇنداق بىر پەيتتە، دۆلەتنى ئالدىمىزدىكى مەزگىلدە كۈچلۈك ئورۇنغا ئېرىشتۈرۈشكە تىرىشىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈرگەن ئەردوغان: «بۇنداق بىر كۈرەشنى دۆلەتنىڭ بارلىق سىياسىي پارتىيەلىرى ۋە ئىجتىمائىي كۈچلەر باشقۇرۇشىدىكى تەشكىلاتلىرى قوللىشى كېرەك» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئەردوغان سۆزى جەريانىدا يەنە، ئۆزلىرىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتا زۆرۈر بولغان ئىشلارنى قىلغانلىقىنى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ شۇنداق قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئۇ: «ئالدىنقى كۈنى قانۇنى ۋە ئىقتىسادىي ئىسلاھاتلىرىمىز توغرىسىدا خەلقىمىزگە مەلۇمات بېرىش جەريانىدا، پۇقراۋى ئاساسىي قانۇنغا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىمىزنى بەس - مۇنازىرە قىلىشنىڭ ۋاقتى كەلگەنلىكىنى ئېيتقانىدۇق. بۇ ئاساسىي قانۇن بىز دۆلىتىمىزنى ئىگە قىلغان تارىخىي بۆسۈشلەر ئۈستىگە قۇرۇلىدۇ » دېدى.

ئەردوغان سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ،  بۇنداق كەڭ دائىرىلىك بىر خىزمەت (يېڭى ئاساسىي قانۇن)نىڭ دۆلەتتىكى بارلىق قاتلاملارنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن مەنىگە ئىگە بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، ئىجابىي تۆھپە قوشۇشنى خالايدىغان بارلىق كىشىلەرنى يېڭى ئاساسىي قانۇن خىزمەتلىرىنىڭ ئىچىدە كۆرۈشنى خالايدىغانلىقلىرىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر