ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىتلىس ۋە سىرتتا تېررورچىلارغا زەربە بېرىش ھەرىكىتى باشلىدى

تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىتلىس ۋە سىرتتا 1453 نەپەر بىخەتەررلىك خادىمنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن «ئەرەن -6 مېرگېلو ھەرىكىتى» نىڭ باشلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1575666
ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىتلىس ۋە سىرتتا تېررورچىلارغا زەربە بېرىش ھەرىكىتى باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتقا ئاساسلانغاندا، بۆلگۈنچى تېرورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ ك ج ك مەسىلىسىنى دۆلەتنىڭ كۈن تەرتىپىدىن ئۈزۈل-كېسىل چىقىرىپ تاشلاش ۋە رايوننى ماكان تۇتقان تېرورچىلارنى ئۇجۇقتۇرۇش مەقسىتىدە 11 - يانۋاردا باشلانغان ئەرەن ھەرىكىتى داۋاملاشماقتا.

بۇ دائىرىدە بىتلىس ۋە سىرتتا «ئەرەن -6 مېرگېلو ھەرىكىتى» باشلانغان بولۇپ، ھەرىكەتتە، ژاندارما قوماندانلىق ئىشتابى، ژاندارما ئالاھىدە ھەرىكەت ئەترىتى، ساقچى ئالاھىدە ھەرىكەت ئەترىتى  ۋە بىخەتەرلىك خادىملىرىدىن تەركىب تاپقان جەمئىي 82 كەسپىي ئەترەت ۋەزىپە ئۆتىمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر