تىنچلىق بۇلىقى ۋە فىرات قالقىنى رايونىغا سوقۇنۇپ كىرىشكە ئۇرۇنغان تېررورچىلار بىر تەرەپ قىلىندى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، تىنچلىق بۇلىقى ۋە فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتى رايونىغا سوقۇنۇپ كىرىش ئۇرۇنغان ئۈچ تېررورچىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1575722
تىنچلىق بۇلىقى ۋە فىرات قالقىنى رايونىغا سوقۇنۇپ كىرىشكە ئۇرۇنغان تېررورچىلار بىر تەرەپ قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، تىنچلىق بۇلىقى ۋە فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتى رايونىغا سوقۇنۇپ كىرىشكە ئۇرۇنۇپ رايوندىكى بىخەتەرلىك كۈچلىرىگە ئوق چىقارغان پ ك ك / ي پ گ ئەزاسى ئۈچ تېررورچىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

مىنىستىرلىقنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، پ ك ك / ي پ گ ئەزاسى ئۈچ تېررورچىنىڭ تىنچلىق بۇلىقى ۋە فىرات قالقىنى رايونلىرىنىڭ تىنچ ۋە خاتىرجەم مۇھىتىغا بۇزغۇنچىلىق  سېلىش ئۈچۈن سوقۇنۇپ كىرىشكە ئۇرۇنغانلىقى ۋە ئۇ ئەسنادا خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە ئوق چىقارغاندىن كېيىن بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر