مۇستافا شەنتوپ بېرمادىكى ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىشنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى)  باشلىقى مۇستافا شەنتوپ بېرمادىكى ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىشنى ئەيىبلىدى.

1575605
مۇستافا شەنتوپ بېرمادىكى ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىشنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇستافا شەنتوپ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېساباتىدا ھەمبەھىرلىگەن يازمىسىدا، «بېرما ئارمىيەسىنىڭ دۆلەتنىڭ سايلام بىلەن ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەن ھۆكۈمىتىنى ۋە پىرېزىدېنتىنى ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش ئارقىلىق ئاغدۇرىشىنى ئەيىبلەيمەن. خەلقنىڭ ئىرادىسىغا پىسەنت قىلمايدىغان ئاڭنىڭ تۈپ نامايەندىسى قاتارىدىكى سىياسىي ئۆزگىرىشلەرنىڭ دۇنيادىكى ھېچقانداق بىر دۆلەتتە يۈز بەرمەسلىكى كېرەكلىكىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر