ئەردوغان ئوقۇ-ئوقۇتۇش توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان كابېنت يىغىنىدىن كېيىن، ئوقۇ-ئوقۇتۇش توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

1575374
ئەردوغان ئوقۇ-ئوقۇتۇش توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان كابېنت يىغىنىدىن بايانات ئېلان قىلىپ، دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلگەن يېزا مەكتەپلىرىدە 15-فېۋرال (2021) دىن باشلاپ دەرس باشلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ باشقا رايونلاردا بولسا، 1-مارت (2021) تىن باشلاپ تولۇقسىز 8-سىنىپ ۋە تولۇق ئوتتۇرا 12-سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دەرس باشلىشى ئۈچۈن تەييارلىقلارنىڭ قىلىنىدىغانلىقىنى، باشقا سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دەرس باشلاش ئىشلىرى ھەققىدە يۇقۇم ئەھۋالىغا قارىتا قارار چىقىرىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر