تۈركىيە بىرمادىكى ھەربىي ئۆزگىرىشنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، بىرمادىكى ھەربىي ئۆزگىرىشنى ئەيىبلىدى.

1574980
تۈركىيە بىرمادىكى ھەربىي ئۆزگىرىشنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، بىرمادىكى ھەربىي ئۆزگىرىشنى ئەيىبلىدى.

باياناتتا، بىرما ئارمىيەسىنىڭ ھۆكۈمەتنى ئۆتكۈزۈۋالغانلىقىدىن چوڭقۇر ئەندىشە قىلنىۋاتقانلىقى ۋە قاتتىق ئەيىبلىنىدىغانلىقى ئەسكەرتىلىش بىلەن بىرگە، تۈركىيەنىڭ ھەر خىل ھەربىي ئۆزگىرىشكە قارشى ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.

باياناتتا: «بىرمادا تۇتقۇن قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلگەن بارلىق سايلانغان رەھبەرلەرنىڭ، سىياسىي شەخسلەرنىڭ ۋە پۇقرالارنىڭ دەرھال قويۇپ بېرىلىشىنى كۈتىمىز» دېيىلدى.

باياناتتا يەنە مۇنداق دېيىلدى:

«بىرمادا خەلقنىڭ ئەركىن ئىرادىسى بىلەن تەشكىللەنگەن پارلامېنتنىڭ ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە توپلىنىشى، سايلانغان رەھبەرلەرنىڭ ۋە دېموكراتىك ئىدارە-ئورگانلارنىڭ ئالدىغا قويۇلغان توسقۇنلۇقلارنىڭ تېزلىكتە قالدۇرۇلۇشىنى چاقىرىق قىلىمىز. بۇ ۋەھىمىيلىك ئۆزگىرىشنىڭ بىرمادا ئېغىر شارائىتلار ئاستىدا ياشاۋاتقان روھىنگا مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئەھۋالىنى يەنە بىر قېتىم يامانلاشتۇرۇۋەتمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر