مۇستاپا شەنتوپ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىقىدىكى ھەيئەت ئالبانىيەدە رەسمىي زىيارەتتە بولىدۇ

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) باشلىقى مۇستاپا شەنتوپ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىقىدىكى پارلامېنت  ئەزالىرى ھەيئىتى 4- فېۋرالدىن 5-فېۋرالغىچە ئالبانىيەدە رەسمىي زىيارەتتە بولىدۇ.

1574353
مۇستاپا شەنتوپ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىقىدىكى ھەيئەت ئالبانىيەدە رەسمىي زىيارەتتە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) باشلىقى مۇستاپا شەنتوپنى پايتەخت تىراندىكى رەسمىي زىيارىتى جەريانىدا ئالبانىيە پارلامېنتى باشلىقى گراموز رۇچى كۈتىۋالىدۇ.

باشلىقلار ئۇچرىشىشىدىن كېيىن، مۇستاپا شەنتوپ بىلەن گراموز رۇچى ھەيئەتلەرئارا ئۇچرىشىشقا رىياسەتچىلىك قىلىدۇ. ھەيئەتلەر ئۇچرىشىشىدىن كېيىن مۇستاپا شەنتوپ بىلەن گراموز رۇچى بىرلەشمە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىرىدۇ.

مۇستاپا شەنتوپ ئاندىن ئالبانىيە پارلامېنتىنىڭ شەرەپ دەپتىرىگە ئىمزا قويىدۇ. گراموز رۇچى مۇستاپا شەنتوپ ۋە ھەمراھلىقىدىكى پارلامېنت  ئەزالىرى ھەيئىتىنىڭ شەرىپىگە چۈشلۈك زىياپەت بېرىدۇ.

پارلامېنت باشلىقى مۇستاپا شەنتوپ ۋە ھەمراھلىقىدىكى پارلامېنت ئەزالىرى ھەيئىتى بىرىنچى كۈنلۈك ئۇچرىشىشلىرى دائىرىسىدە، ئالبانىيە پىرېزىدېنتى ئىلىر مېتا تەرىپىدىنمۇ قوبۇل قىلىنىدۇ ۋە ئالبانىيە باش مىنىستىرى ئەدى راما بىلەنمۇ كۆرۈشىدۇ.

زىيارىتىنىڭ ئىككىنچى كۈنىدە ( يەنى 5 - فېۋرالدا)، مۇستاپا شەنتوپ ۋە ھەمراھلىقىدىكى پارلامېنت ئەزالىرى ھەيئىتى ئىشكودرادىكى ھەسەن رىزا پاشا شەھىدلىكىگە گۈلچەمبىرەك قويىدۇ.

مۇستاپا شەنتوپ يەنە، ئىشكودرادىكى ھاجى شەيخ شاميا ئىمام خاتىپ ئوتتۇرا مەكتىپى ۋە يۇنۇس ئەمرە ئىنستىتۇتىنىمۇ زىيارەت قىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر