«<تىنچلىق بۇلىقى> ھەربىي ھەرىكىتى» رايونىدا تېررورچىلارغا ئەجەللىك زەربە بېرىلدى

سۈرىيەدە « ھەربىي ھەرىكىتى» ۋە «‹ فىرات قالقىنى› ھەربىي ھەرىكىتى» رايونلىرىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ مەنسۇبى 3 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

1574062
«<تىنچلىق بۇلىقى> ھەربىي ھەرىكىتى» رايونىدا تېررورچىلارغا ئەجەللىك زەربە بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، تېررورىزمغا قارشى كۈرەش، دۆلەت ئىچى - سىرتىدا ئىزچىل داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، ھۇزۇر ۋە خاتىرجەملىك مۇھىتى يارىتىلغان رايونلارغا تېررورچىلارنىڭ سوقۇنۇپ كىرىش ئۇرۇنۇشىنىڭ يەنە بىر قېتىم ئالدى ئېلىنغان. جۈملىدىن،  «<تىنچلىق بۇلىقى> ھەربىي ھەرىكىتى» ۋە «‹ فىرات قالقىنى› ھەربىي ھەرىكىتى» رايونلىرىغا ھۇجۇم قىلىشقا ئۇرۇنغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ مەنسۇبى تېررورچىلاردىن 3 ى بىر تەرەپ قىلىنغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر