ئالىي مەسلىھەتچىلەر كېڭىشى چەت ئەللىكلەر ۋە ئىسلامغا ئۆچمەنلىك قىلىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان رىياسەتچىلىك قىلغان جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئالىي مەسلىھەتچىلەر كېڭىشى يىغىنىدا، غەرب جەمئىيىتىدە كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان چەت ئەللىكلەرگە ۋە ئىسلامغا ئۆچمەنلىك قىلىش مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىندى.

1572631
ئالىي مەسلىھەتچىلەر كېڭىشى چەت ئەللىكلەر ۋە ئىسلامغا ئۆچمەنلىك قىلىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ رىياسەتچىلىكىدە جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىدە يېپىق ھالەتتە چاقىرىلغان ئالىي مەسلىھەتچىلەر كېڭىشى يىغىنى تەخمىنەن ئىككى يېرىم سائەت داۋاملاشتى.

جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن يىغىندىن كېيىن يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئالىي مەسلىھەتچىلەر كېڭىشى ئەزالىرىنىڭ غەرب جەمئىيىتىدە كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان چەت ئەللىكلەرگە ۋە ئىسلامغا ئۆچمەنلىك قىلىش مەسىلىسى، شۇنداقلا ئىسلام دۇنياسىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى قاتارلىقلارنى مۇھاكىمە قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئالتۇن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ يىغىندا، غەرب ئۇزۇندىن بۇيان ئارقىسىغا يوشۇرۇنۇپ كېلىۋاتقان دېموكراتىيە، ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇق گىرىمى سۆكۈلۈپ چۈشكەنسېرى، ئىرقچى، ئايرىمىچى ، ياۋايى ۋە بۇزغۇنچى يۈزىنىڭ ئۆزىنى كۆرسىتىشكە باشلىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى، بىرمادىن شەرقىي تۈركىستانغىچە، بالقان ۋە كاۋكاز رايونلىرىدىن پەلەستىنگىنچە بولغان پەرقلىق رايونلاردا مۇسۇلمانلارغا قىرغىنچىلىق، زۇلۇم، بېسىم، ئىشغال ۋە ئەسەبىيلىك سىياسەتلىرىنىڭ يۈرگۈزۈلگەنلىكىنى، ئەڭ ئېغىر ۋە ئەڭ ئېچىنىشلىق كۆرۈنۈشلەرگىمۇ ئىسلام جۇغراپىيەسىنىڭ شاھىت بولۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئالتۇن سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «كېڭەش ئەزالىرى ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئىچكى توقۇنۇشلاردىن قۇتۇلۇپ، بىرلىك – باراۋەرلىكىنى كۈچەيتىپ، دىننىڭ ماھىيىتىدىن كېلىپ چىقمىغان ئارقىسى قاراڭغۇ قۇرۇلمىلارغا قارشى كۈرەش قىلىش مەسىلىلىرى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر