ئەردوغان يېڭى ئىسلاھات لايىھەسىنى پات ئارىدا پارلامېنتقا سۇنىدىغانلىقىنى ئېيتتى

جۇمھۇر رەئىس شۇنداقلا ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پات ئارىدا تەييارلىقى تاماملىنىش ئالدىدا تۇرغان يېڭى ئىسلاھات لايىھەسىنى، تۈركىيە بۈيۈك مىللىي مەجلىسى (پارلامېنتى) غا سۇنۇشنى باشلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1572159
ئەردوغان يېڭى ئىسلاھات لايىھەسىنى پات ئارىدا پارلامېنتقا سۇنىدىغانلىقىنى ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان پارتىيەسىنىڭ تۈركىيە بۈيۈك مىللىي مەجلىسى (پارلامېنتى) دىكى گۇرۇپپا يىغىنىغا قاتناشتى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: «مىللىتىمىز بىلەن ئورتاقلاشقىنىمىزدا، بۇ ئىسلاھات تەكلىپلىرىنىڭ دۆلىتىمىزنى 2023-يىلىغا ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنگە ئېلىپ بارىدىغان ئىنتايىن نېگىزلىك ۋە مۇھىم بەلگىلىمىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقى ھەممەيلەنگە مەلۇم بولىدۇ» دېدى.

ئەردوغان سۆزىدە يەنە، كوۋىد-19 غا قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ۋاكسىنا ئەملەش سەپەرۋەرلىكى دائىرىسىنىڭ كېڭەيتىلىپ، ئەڭ قىسقا ۋاقىتتا ھەمممەيلەننىڭ ئەملىنىشىنىڭ ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى ئيېتتى.   

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: «بىزنىڭ ئاساسلىق كۈنتەرتىپىمىز خەلقىمىزنىڭ مەسىلىسىدۇر. ۋاكسىنا ئەملەشنىڭ باشلىنىشى بىلەن يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويدۇق. دۇنيادا تەرەققىي تاپقانلىقى تىلغا ئېلىنىۋاتقان نۇرغۇن دۆلەتلەر ھازىر ۋاكسىنا تاپالمايۋاتىدۇ. بىز ئاللاھقا ھەمدۇ – سانالار بولسۇنكى،  كېلىشىم بويىچە دۆلىتىمىزگە 50 مىليون ۋاكسىنانىڭ 10 مىليونىنى يەتكۈزۈپ بولدۇق» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر