ئەرەن-5 زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئۇتۇقلۇق داۋام قىلماقتا

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان ئەرەن-5 ناملىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئارقىلىق 53 پاناھلىنىش ئورنى بىلەن 62 ئىسكىلات بىتچىت قىلىپ تاشلاندى.

1572037
ئەرەن-5 زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئۇتۇقلۇق داۋام قىلماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، پ ك ك/ك ج ك تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ قىشلىق تەييارلىقلىرىنى بىتچىت قىلىپ تاشلاش مەقسىتىدە ماردىن ۋىلايەتلىك ژاندارما قوماندانلىقىدىكى ژاندارما كوماندىر، ژاندارما ئالاھىدە ھەرىكەت ۋە ئامانلىق ساقلىغۇچىلىرىنى ئىشتىراك قىلىشى بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان زەربە بېرىش ھەرىكىتىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا، زەربە بېرىش ھەرىكىتى جەريانىدا 53 پاناھلىنىش ئورنى بىلەن 62 ئىسكىلاتنىڭ بىتچىت قىلىپ تاشلانغانلىقى ۋە بۇ ئورۇنلاردىكى نۇرغۇن پارتلاتقۇچ، پارتلاتقۇچ ياساشتا ئىشلىتىلىدىغان ئەشيالار، ئوق – دورا، تەشكىلات ماتېرىياللىرى، سالامەتلىك ۋە تۇرمۇش لازىمەتلىرىنىڭ قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكى قەيت قىلىندى.

دۆلەت ئىچىدىكى تېررورچىلارنى ئۇنسۇرلارنى تەلتۈكۈس يوقىتىپ تاشلاش مەقسىتىدە باشلانغان ئەرەن زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى خەلقىنىڭ يېقىندىن قوللاپ – قۇۋۋەتلىشى سايىدا قەتئىيلىك بىلەن داۋاملاشتۇرۇلماقتا.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر