تۈركىيە رىيادتا يۈز بەرگەن باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ پايتەختى رىيادتا پۇقراۋى ئولتۇراق رايونلىرى نىشان قىلىنغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

1571764
تۈركىيە رىيادتا يۈز بەرگەن باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، ئەنقەرەنىڭ رىيادنىڭ يېقىنقى 3 كۈن ئىچىدە ئىككىنچى قېتىم باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرىغا ئۇچرىغانلىقىدىن تولىمۇ ئەپسۇسلانغان ھالدا خەۋەر تاپقانلىقى ۋە بۇ ھۇجۇملارنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقى ئەسكەرتىلىپ مۇنداق دېيىلدى: «پۇقراۋى ئولتۇراق رايونلىرى نىشان قىلىنغان ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان ھاۋا مۇداپىئەسى سىستېمىلىرى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغان ھۇجۇملارنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز، قېرىنداش سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھلىقى ۋە خەلقىگە تەزىيە بىلدۈرىمىز.»

تۈنۈگۈن رىياد شەھىرىنىڭ كۆپلىگەن جايلىرىدا ئاڭلانغان پارتلاشنىڭ مەيدانغا كەلگەنلىكى بىلدۈرۈلگەنىدى.

تورداشلار ئاممىۋى تاراتقۇلاردا، ھاۋادا بىر تەرەپ قىلىنغان باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا كۆرۈنۈشلىرىنى ھەمبەھىرلەشكەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر