ئەدلىيە مىنىستىرى گۈل ياۋروپا كېڭىشى ھەيئىتى بىلەن كۆرۈشتى
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئەدلىيە مىنىستىرى ئابدۇلھەمىت گۈل ياۋروپا كېڭىشىنىڭ ياۋروپا قىيىن - قىستاقنىڭ ئالدىنى ئېلىش كومىتېتى ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشتى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەدلىيە مىنىستىرلىقىدىكى ئۇچرىشىشتا، ياۋروپا قىيىن - قىستاقنىڭ ئالدىنى ئېلىش كومىتېتى ئۆزلىرىنىڭ جازا ئىجرا قىلىش قانۇنىغا كىرگۈزۈلگەن ئۆزگەرتىشلەرنى ئۆز ئىچىگە 7242- نومۇرلۇق بەلگىلىمىنىڭ جازا ۋە ئىجرا قىلىش ئورگانلىرىغا ئىجابىي تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى كۆزەتكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ۋەكىللەر ئۆمىكى، سىنلىق كۆرۈنۈشلۈك سۆز قىلىش، ساناش، ئېلېكترونلۇق يوللانما ئارقىلىق دوختۇرغا كۆرۈنۈشنى تەلەپ قىلىش قاتارلىقلار ئارقىلىق جىنايەتچىلەر بىلەن خادىملارنىڭ ئۆزئارا ئالاقىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان سىستېمىغىمۇ يۇقىرى باھا بېرىپ، بۇ تۈزۈمنىڭ ياۋروپا كېڭىشى دۆلەتلىرىگە ئۈلگە قىلىشقا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەدلىيە ساھەسىدە يولغا قويۇلغان ئىسلاھات خىزمەتلىرىنىڭمۇ ئىجابىي كەيپىيات ياراتقانلىقىنى قەيت قىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

تۈركىيەدە بۈگۈن 341 يۇقۇملانغۇچى قازا قىلدى
تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن 341كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.

ئاقار موڭغۇلىيە باش ئەلچىسىنى قوبۇل قىلدى
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار موڭغۇلىيە باش ئەلچىسى بولد راۋداننى قوبۇل قىلدى.