تۈركىيە مالىغا تەزىيە بىلدۈردى
تۈركىيە مالىدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى ۋە ھۇجۇمدا قازا قىلغانلار ئۈچۈن تەزىيە بىلدۈردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، مالىنىڭ بۇلكېسسى ۋە موندورو ھەربىي بازىلىرىغا قىلىنغان 24 – يانۋاردىكى تېررورلۇق ھۇجۇملىرىدا مالىلىق ئالتە ئەسكەرنىڭ قازا قىلىشى ۋە نۇرغۇن خەۋپسىزلىك خادىمىنىڭ يارىلانغانلىقىدىن قايغۇرۇش ئىچىدە خەۋەر تېپىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
باياناتتا: «بۇ قەبىھ ھۇجۇمنى ئەيىبلەيمىز. دوست ۋە قېرىنداش مالى خەلقى ۋە ھۆكۈمىتىگە تەزىيە بىلدۈرىمىز، ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا ئاللاھتىن رەھمەت تىلەيمىز، ئائىلە – تاۋابىئاتلىرى ۋە يېقىن – يورۇقلىرىغا سەمىمىي تەسەللىي بېرىمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.
بولكېسسى ۋە موندورو ھەربىي بازىلىرى پات – پاتلا تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ھۇجۇم ئوبيېكتى بولۇپ كەلمەكتە.
2020 – يىلى مارتتا موندوروغا قىلىنغان تېررورلۇق ھۇجۇمىدا بەش ئەسكەر جېنىدىن ئايرىلغانىدى.
2018 – يىلى مەزكۇر ئىككى بازىغا بىرلا ۋاقىتتا قىلىنغان تېررورلۇق ھۇجۇملىرىدىمۇ 40 ئەسكەر قازا قىلغانىدى.