تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى ئىسرائىلىيە - تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى ھاۋا قاتنىشىنى ۋاقىتلىق توختاتتى

تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى، ئىسرائىلىيەدىن تۈركىيەگە كېلىدىغان ۋە تۈركىيەدىن ئىسرائىلىيەگە بارىدىغان بارلىق خەلقئارالىق ئاۋىياتسىيە قاتنىشىنىڭ ۋاقىتلىق توختىتىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1571050
تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى ئىسرائىلىيە - تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى ھاۋا قاتنىشىنى ۋاقىتلىق توختاتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى، ئىسرائىلىيەدىن تۈركىيەگە كېلىدىغان ۋە تۈركىيەدىن ئىسرائىلىيەگە بارىدىغان بارلىق خەلقئارالىق ئاۋىياتسىيە قاتنىشىنىڭ 26 – يانۋاردىن 31 – يانۋارغىچە ۋاقىتلىق توختىتىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، يولۇچىلارنىڭ بېلەتكە ئالاقىدار رەسمىيەتلىرىنى 850 333 0 849  نومۇرلۇق چاقىرىق مەركىزى، بېلەت سېتىش ئورۇنلىرى ياكى مۇناسىۋەتلىك ساياھەت شىركەتلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ ھەل قىلسا بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر