مۇغلادا نۇرغۇن كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىندى

مۇغلا ۋىلايىتىنىڭ دالامان ناھىيەسى دېڭىز ساھىللىرىدا 16 تەرتىپسىز كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىندى.

1571011
مۇغلادا نۇرغۇن كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ساھىل بىخەتەرلىك قوماندانلىق ئىشتابى ئەترەتلىرى، دالامان ساھىللىرىدا تەرتىپسىز كۆچمەنلەر ئولتۇرغان كېمىنىڭ موتورىدىن كاشىلا چىققانلىقتىن لەيلەشكە باشلىغانلىقى ۋە كۆچمەنلەرنىڭ ياردەم تەلەپ قىلىۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، دەرھال نەق مەيدانغا يېتىپ بېرىپ، كېمىدىكى 16 تەرتىپسىز كۆچمەننى قۇتقۇزۇۋالدى، ئاندىن ئۇلارنى پورتقا ئېلىپ كېلىپ، رەسمىيەتلىرىنى تاماملىغاندىن كېيىن، ۋىلايەتلىك كۆچمەنلەر ئىدارىسىغا تاپشۇرۇپ بەردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر