دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى خادىملىرى ئىراققا قاراپ يۈرۈپ كەتتى

ئىراق ئارمىيەسىگە ياردەم بېرىش ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئىراقتا تۇرۇشلۇق قىسمىدا ۋەزىپە ئۆتەش ئۈچۈن تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ 25 خادىمى ئىراققا قاراپ يۈرۈپ كەتتى.

1571413
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى خادىملىرى ئىراققا قاراپ يۈرۈپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «ھەربىي مەسلىھەتچىلىرىمىز شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئىراقتا تۇرۇشلۇق قىسمىدا ۋەزىپە ئۆتەش دائىرىسىدە، دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت ئىراق ئارمىيەسىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن پايتەخت باغدادقا قاراپ يۈرۈپ كەتتى. بىرى گېنېرال مايور بولۇپ، جەمئىي 25 خادىمىمىز شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئىراقتا تۇرۇشلۇق قىسمىدا ۋەزىپە ئۆتەيدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر