فاھرەتتىن ئالتۇن غەرب ئەللىرىنى تېررورلۇق تەشكىلاتى يالغانلىرىنى تارقاتماسلىققا چاقىردى

جۇمھۇر رەئىسلىك ئۇچۇر - ئالاقە ئىدارىسى باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن غەرب ئەللىرىنى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ۋە خەلق دېموكراتىك پارتىيەسى (HDP) نىڭ ئەمەلدارلىرى ھەققىدىكى يالغانلارنى تارقىتىشنى توختىتىشقا چاقىردى.

1570234
فاھرەتتىن ئالتۇن غەرب ئەللىرىنى تېررورلۇق تەشكىلاتى يالغانلىرىنى تارقاتماسلىققا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك ئۇچۇر - ئالاقە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى كاتىبېشى ئابدۇللا ئۆجالاننىڭ پىلاكاتلىرى ئېسىلغان خەلق دېموكراتىك پارتىيەسى (HDP) نىڭ ئەسەنيۇرت رايونلۇق ئىشخانىسىدا سىنغا ئېلىنغان كۆرۈنۈشلەرنى ھەمبەھىرلەپ، «غەرب ئەللىرى پ ك ك / ھ د پ يالغانلىرىنى تارقىتىشنى توختىتىشى  ۋە ھەقىقەتنى سۆزلىشى كېرەك» دېگەن چاقىرىقتا بولدى.

فاھرەتتىن ئالتۇن ئۆزىنىڭ تىۋىتتېر ھېساباتىدا ئىنگلىزچە ئېلان قىلغان يازمىسىدا، خەلق دېموكراتىك پارتىيەسى (HDP) نىڭ ئەسەنيۇرت رايونلۇق ئىشخانا بىناسىدا ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتنىڭ كۆرۈنۈشلىرىگە ئالاھىدە ئورۇن ئاجراتتى.

فاھرەتتىن ئالتۇن بۇ كۆرۈنۈشلەرنىڭ تۈركىيە، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى تەرىپىدىن تېررورلۇق تەشكىلاتى دەپ رەسمىي تونۇلغان  پ ك ك بىلەن خەلق دېموكراتىك پارتىيەسى (HDP) نىڭ مۇناسىۋەتلىرىگە ئالاقىدار يېڭى پاكىتلار بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى بايان قىلىپ، سۈرىيە ۋە باشقا جايلاردىكى تارماقلىرىنىڭ كىچىك بالىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئونمىڭلىغان كىشىنى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ قۇربانىغا ئايلاندۇرغانلىقىنى تەكىتلىدى.

فاھرەتتىن ئالتۇن پ ك ك نىڭ نۇرغۇن تېررورلۇق ھۇجۇمى ئېلىپ بارغانلىقىنى، كىچىك بالىلارنى قوراللاندۇرغانلىقىنى ۋە دۇنياغا بېسىم ئىشلىتىش ئۈچۈن مىڭلىغان دائېش تېررورچىلىرىنى تۈرمىدىن چىقىرىۋەتكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «بۇ پەسكەشلەرچە ھۇجۇملارنى ئەيىبلەشنى رەت قىلغان خەلق دېموكراتىك پارتىيەسى (HDP)  ھەتتا ئادەم بومبا تېررورچىلارنىمۇ ئۇلۇغلىماقتا. پ ك ك غا ئوخشاش ھەرىكەت قىلماقتا. شۇڭلاشقا كورد ئانىلار خەلق دېموكراتىك پارتىيەسى HDP نىڭ دىيارباكىر ۋىلايەتلىك بىناسى ئالدىدا نامايىش قىلماقتا. غەرب ئەللىرى پ ك ك / ھ د پ يالغانلىرىنى تارقىتىشنى توختىتىشى ۋە ھەقىقەتنى سۆزلىشى كېرەك» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر