چاۋۇشئوغلۇ پاراخوت خادىملىرى توغرىسىدا خەۋەر يوقلۇقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ گىنە بوغۇزىدا ئېلىپ قېچىلغان پاراخوتتىكى خادىملارغا مۇناسىۋەتلىك خەۋەر يوقلۇقىنى بىلدۈردى.

1570650
چاۋۇشئوغلۇ پاراخوت خادىملىرى توغرىسىدا خەۋەر يوقلۇقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ دېڭىز قاراقچىلىرىنىڭ ئېلىپ قېچىلغان پاراخوت خادىملىرى توغرىسىدا ھېچكىم بىلەن ئالاقە قىلمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) دە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

ئۇ: «پۇقرالىرىمىزغا قارىتىلغان ھۇجۇم يۈز بەردى. 15 پۇقرامىز دېڭىز قاراقچىلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ قېچىلدى. پاراخوت بىخەتەر، بىخەتەرلىككە مۇناسىۋەتلىك قىيىنچىلىقىمىز يوق. بىر پۇقرامىز يارىلاندى، ئەمما ئەھۋالى ناھايىتى ياخشى» دېدى.

ئۇ تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ھۇجۇم يۈز بەرگەندىن تارتىپ ۋەزىيەتنى كۆزىتىپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ھازىرغىچە دېڭىز قاراقچىلىرىدىن خەۋەر كەلمىدى. رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى بىلەن ئالاقە ئورناتتۇق» دېدى.

لىبېرىيە بايرىقى ئېسىلغان «موزارت» ئىسىملىك پاراخوت، 23-يانۋار (2021) نىگېرىيەنىڭ لاگوس شەھىرىگە تەخمىنەن 180 مىل كېلىدىغان دېڭىز تەۋەلىكىدە دېڭىز قاراقچىلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان ئىدى.

نىگېرىيەنىڭ لاگوس شەھىرىدىن جەنۇبىي ئافرىقانىڭ كېيىپ تاۋن (Cape Town) شەھىرىگە قاراپ ئىلگىرىلەۋاتقان پاراخوتتىكى 19 خادىمدىن ئەزەربەيجانلىق بىر خادىم ئۆلتۈرۈلدى، 15 خادىم ئېلىپ قېچىلدى.

ۋەقەدە قۇتۇلۇپ قالغان ئۈچ خادىم تۈنۈگۈن (2021-يىلى 24-يانۋار) پاراخوتنى گابوننىڭ گەنتىل پورتىغا توختاتقان ئىدى.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر