تۈركىيە پاراخوتى نىگېرىيەدە دېڭىز قاراقچىلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى

نىگېرىيە دېڭىزتەۋەلىكىدە دېڭىز قاراقچىلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان تۈركىيە پاراخوتىدا ئەزەربەيجانلىق بىر نەپەر پاراخوت خادىمى ئۆلتۈرۈلدى.

1569785
تۈركىيە پاراخوتى نىگېرىيەدە دېڭىز قاراقچىلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى
Cumhurbaşanı Erdoğan Telekonferans.jpg
SÜPER FOTO çavuşoğlu.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىستانبۇلدىكى بىر شىركەتكە تەۋە موزارت ئىسىملىك تۈركىيە پاراخوتىنىڭ گۋىنىيە قولتۇقىدا سائو تومېدىن 100 دېڭىز مىلى يىراقلىقتا ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقى ئېلان قىلىندى.

شىركەتنىڭ باياناتىدا، نىگېرىيەنىڭ لاگوس شەھىرىدىن جەنۇبى ئافرىقانىڭ كەپ توۋن شەھىرىگە قاراپ يولغا چىققان پاراخوتتىكى 19 خادىمدىن بىرىسىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى، 15 خادىمنىڭ تۇتۇپ كېتىلگەنلىكى، 3 خادىمنىڭ بولسا، دېڭىز قاراقچىلىرى بىلەن بىرگە پاراخوتتا ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

تۈركىيە تۇتقۇن قىلىنغان خادىملارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پاراخوتنىڭ 4-كاپىتانى فۇرقان يارەن بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى ۋە پاراخوتتىكى ئەھۋاللاردىن مەلۇمات ئالدى. پاراخوتنىڭ ھۇجۇمدىن ئامان قالغان 3 خادىمى بىلەن بىرگە گابونغا قاراپ ماڭغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرنى تاپشۇرۇۋالغان ئەردوغان،  ۋەقەنىڭ جەريانىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقىنى، تۇتۇپ كېتىلگەن پاراخوت خادىملىرىنى قۇتقۇزۇش توغرىسىدا مۇناسىۋەتلىك مەسئۇللارغا يوليورۇق بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇمۇ كاپىتان فۇرقان يارەندىن باشقا يەنە پاراخوت ئىگىدارچىلىقىدىكى شىركەتنىڭ باشلىقى ئوسمان لەۋەنت كارسان بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى. تەزىيە ۋە ھال سوراش تىلەكلىرىنى يەتكۈزۈپ، تۇتۇپ كېتىلگەنلەرنى قۇتقۇزۇش ۋە بالدۇرراق ئۆيلىرىگە بىخەتەر قايتىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان تەدبىرلەرنى قوللىنىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىدى.

مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ يەنە ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەيھۇن بايراموۋغىمۇ تېلېفون قىلىپ، ئۆلتۈرۈلگەن پاراخوت خادىمى ئۈچۈن تەزىيە تىلەكلىرىنى يەتكۈزدى ۋە پاراخوت يېتىپ كەلگەندە، جىنازىسىنى ئەزەربەيجانغا يۆتكەش خىزمەتلىرىنى دەرھال باشلايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

تۈركىيە، ئەبۇجە، نىگېرىيە قاتارلىق ئەتراپتىكى دۆلەتلەردە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىلارنى تۇتۇپ كېتىلگەن خادىملارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن سەپەرۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر