ئەردوغان سىنجار ھەربىي ھەرىكىتى توغرۇلۇق سىگنال بەردى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا قارشى ئىراقنىڭ سىنجار رايونىغا ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلىش توغرۇلۇق سىگنال بەردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ئىستانبۇلدا جۈمە نامىزىدىن كېيىن، مۇخبىرلارنىڭ «سىنجاردا پ ك ك غا قارشى ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلامدۇ؟» تەرىقىسىدىكى سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، مۇنداق دېدى: «بۇ ھەربىي ھەرىكەت ئېلان قىلىنمايدۇ، ھەردائىم مېنىڭ بىر سۆزۈم باردۇر: بىر كېچىسى تۇيۇقسىز (ھەربىي ھەرىكەت ئارقىلىق) كېلىشىمىز مۇمكىن.»
«كوۋىد – 19» يۇقۇمىغا قارشى خىتايدىن كەلتۈرۈلگەن ۋاكسىنانىڭ ئىككىنچى تۈركۈمىنىڭ مۇشۇ ھەپتىنىڭ ئاخىرلىرىغىچە كېلىش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتكەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، مۇنداق دېدى: «ئىككىنچى تۈركۈمدىكى ۋاكسىنامىز خىتاي تەرەپتىن تەستىقلاندى، مۇشۇ ھەپتىنىڭ ئاخىرلىرىغىچە كېلىش ئېھتىمالى يۇقىرى.»
مۇددەتتىن بۇرۇن سايلام ئۆتكۈزۈلۈش دەۋالىرىغا جاۋاب بەرگەن ئەردوغان، 2023 – يىلى ئىيۇن ئېيىدىن ئىلگىرى سايلام ئۆتكۈزۈلمەيدىغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.