تۈركىيە: ئەزەربەيجان بىلەن تۈركمەنىستاننىڭ كېلىشىم تۈزگەنلىكىدىن خۇرسەنمىز

تۈركىيە ئەزەربەيجان بىلەن تۈركمەنىستاننىڭ ھازار دېڭىزى مەسىلىسىدە كېلىشىم تۈزگەنلىكىدىن خۇرسەن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1569164
تۈركىيە: ئەزەربەيجان بىلەن تۈركمەنىستاننىڭ كېلىشىم تۈزگەنلىكىدىن خۇرسەنمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئەنقەرەنىڭ، ئەزەربەيجان بىلەن تۈركمەنىستاننىڭ ھازار دېڭىزىدا گىدروكاربون ساھەسىنى ئورتاق تەتقىق قىلىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش مەقسىتىدە  «دوستلۇق كېلىشىمى» تۈزگەنلىكىدىن تولىمۇ خۇرسەن ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تۈركىيەنىڭ، كېلىشىمنىڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇقنىڭ يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزۈلۈشىدە تۈرتكىلىك رول  ئوينىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، كېلىشىمنىڭ، دوست ۋە قېرىنداش تۈركمەنىستان بىلەن ئەزەربەيجان خەلقلىرى ئۈچۈن خەيرلىك بولۇشىغا، رايوننىڭ باياشاتلىقى ۋە مۇقىملىقىغا ھەسسە قوشۇشىغا، ھەمدە تۈركىيە بىلەن ياۋروپانىڭ قالغان قىسمىنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىنى كاپالەت ئاستىغا ئالغۇزىدىغان لايىھەلەرگىمۇ يول ئېچىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرۈلدى.

تۈركمەنىستاندا «سەردار»، ئەزەربەيجاندا بولسا «كەپەز» دەپ بىلىنىدىغان ھازار دېڭىزىدىكى بايلىق مەنبەلىرىنىڭ قايسى دۆلەتكە ئائىت ئىكەنلىكى ۋە قانداق ئىشلىتىلىشى مەسىلىسى، ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا دىپلوماتىك كىرىزىسكە سەۋەب بولۇۋاتاتتى.

ھازار دېڭىزىدا ئەزەربەيجان ۋە تۈركمەنىستانغا ئائىت ساھەلەرنىڭ دەل ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان ساھەنىڭ تەخمىنەن 60 مىليون توننا نېفىت زاپىسىغا ئىگە ئىكەنلىكى تەخمىن قىلىنماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر